باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 12-نۆۋەتلىك قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-04-29   

2017-يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 12-نۆۋەتلىك قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

مۇسابىقە داۋامىدا ھەرقايسى جايدىن كەلگەن ماھىرلار ئۆزلىرىنىڭ قىرائەت ۋە ۋەز-تەبلىغ سەۋىيەسىنى نامايەن قىلدى. بولۇپمۇ ۋەز-تەبلىغچىلەر مۇسابىقىنىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئايەت-ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك، كەسىپچانلىق، سەمىمىيلىك، دوستلۇق قاتارلىق ئىدىيە-غايىلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى بۇ قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئاڭلىق ھىمايچىلىرى، تەشەببۇسچىلىرى ۋە ئىجراچىلىرى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىدە، بېيجىڭلىق ماھىر ما گۇيچېڭ خەنزۇ تىلى گۇرۇپپىسى بويىچە، شىنجاڭلىق ماھىر ئادىل ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسى بويىچە، خېنەنلىك ماھىر دىڭ لىلى ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى؛ قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسىدە نىڭشيالىق ماھىر ما بىن بىرىنچىلىككە، لياۋنىڭلىق ماھىر لى شۆفاڭ ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇسابىقىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 2-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى چۇ يوچى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ كېجيا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپى نەبىل ما جۇڭپىڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىچكى موڭغۇل ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جىن جيەنخۇا، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى شا لى قاتارلىقلار قاتناشتى.

مۇراسىمدا 3-مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ كېجيا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ”سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك، كەسىپچانلىق، سەمىمىيلىك، دوستلۇق قاتارلىق ئىدىيە-غايىلەر جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى ھەم يىغىنچاق ئىپادىسى بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاق قارىشى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە ئىگە. ۋەز-تەبلىغ ئىسلام ئەقىدىلىرى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، مۇسۇلمانلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىنچلىقنى سۆيۈش، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش، كەڭچىل بولۇپ تەڭ تەرەققىي قىلىش، ئۈمىدۋار بولۇپ داۋاملىق يۈكسىلىش قاتارلىق زامانىۋى غايىلەرنى تىكلەشكە ئۈندەيدۇ“. ئۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: ”بۇ قېتىمقى ۋەز-تەبلىغلەرنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى يۇقىرى، ئايەت-ھەدىسلەر جايىدا نەقىل كەلتۈرۈلۈش ئارقىلىق تېما كۆپ تەرەپتىن ئىسپاتلانغان،  مەزمۇنلار چوڭقۇر ھەم چۈشىنىشلىك بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە ئېتىقادچى ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلەپلا قالماي،  ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ يېتەكچىلىك رولى ۋە مەسئۇلىيىتىنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ“.

رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭمۇ يېپىلىش مۇراسىمدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ”مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم خىزمىتى، شۇنداقلا شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى مەقسەت، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك، كەسىپچانلىق، سەمىمىيلىك، دوستلۇق قاتارلىق ئىدىيە-غايىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش. بۇ ئىدىيە-غايىلەر ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان روھ بىلەن ناھايىتى ماسلىشىدۇ، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئەنئەنىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. بىز بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئېتىقادچى ئاممىنى قۇرئاننى ياخشى ئوقۇش، ۋەز-تەبلىغنى ياخشى قىلىش، شەرىئەتنى ياخشى چۈشەندۈرۈشكە ئاكتىپ يېتەكلىشىمىز لازىم. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىش داۋامىدا ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كەسىپچانلىق، سەمىمىيلىك، دوستلۇق قاتارلىق سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىغا ئاكتىپ ئەمەل قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتىۋېلىشىمىز، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز لازىم“.

مۇسابىقىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت، قاتار، ئىران، ئوممان، ئالجىرىيە، بەھرەيىن، ھىندۇنېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بىر قىسىم ئۆلكە-رايوندىن كەلگەن مۇسۇلمان ۋەكىللەر ۋە ئامما، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى. «خەلق سىياسىي كېڭىشى گېزىتى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى»، «جۇڭگو دىنلىرى»، «بۈگۈنكى جۇڭگو» قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالىنى خەۋەر قىلدى.

(سوفىيە ۋۇ شومېي، خۇڭ زې خەۋىرى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر