باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا باشلاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-04-25   

2017-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ”سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئەمەل قىلىش“ باش تېما قىلىنغان 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا باشلاندى، مۇسابىقىگە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خۇيزۇ، ئۇيغۇر، دۇڭشياڭ قاتارلىق مىللەتلەردىن تاللانغان ۋەز سۆزلىگۈچىلەر ۋە قارىيلار قاتناشتى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپ نەبىل ما جۇڭپىڭ، مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ قاتارلىقلار مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئادىل ھاجى كېرىم مۇراسىمدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ”باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ جۇڭگوچىلىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بويىچە يېتەكلەشنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، تىنچلىق ۋە كەڭچىلىك قاتارلىق ئىلغار چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ئېتىقادچى ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەكىتلىدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك، كەسىپچانلىق، سەمىمىيلىك، دوستلۇق قاتارلىق ئىدىيە ۋە غايىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر ئىدىيەلەر ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان روھ بىلەن ناھايىتى ماسلىشىدۇ، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن ئېسىل ئەنئەنىسى بىلەنمۇ بىردەكلىككە ئىگە. قۇرئان، ھەدىسنى ياخشى ئوقۇپ چۈشەنگەندە ياخشى ۋەز قىلغىلى بولىدۇ، ياخشى ۋەز قىلغاندا ئاممىنى توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا ھەرىكەتكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ. ئىمام-ئاخۇنلار قۇرئان ۋە ھەدىسنى ياخشى ئوقۇپ، ياخشى ۋەز قىلغاندىلا ئاممىنى توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا ھەرىكەتكە يېتەكلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىناق، ئىتتىپاق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدۇ“.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم ئۆلكە ۋە رايونلۇق ئىسلام جەمئىيەتلىرى، مۇسۇلمان ئامما، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ، قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى ئەرلەر گۇرۇپپىسى، ۋەز مۇسابىقىسى بولسا خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 (رامىزان مىن جۈنچىڭ،  سوفىيە ۋۇ شۇمېي خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر