باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ زوئەن جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى شىنجاڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-04-25   

 

2017-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئالاھىدە يوقلىدى ھەمدە  ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ۋاڭ زوئەن ئوقۇغۇچىلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ”سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق ۋە ئىستىلدا كۆپچىلىكنى قايىل قىلالايدىغان، ھالقىلىق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان بولۇش“ پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا، يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ، ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن ھەم ۋەتەننى سۆيىدىغان دىنىي ئىزباسارلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ۋاڭ زوئەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى، شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، ئىدىيە ۋە تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىلىدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ۋاڭ زوئەن مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى شىنجاڭ سىنىپى ئېچىپ كاتتا ئىش قىلدى، ياخشى ئىش قىلدى؛ ياش، ئوتتۇرا ياش مۇنەۋۋەر دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنىڭ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىدۇر. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىجىمۇ دەرىجە تاللىنىپ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئالىي ئىسلام بىلىم يۇرتىغا قوبۇل قىلىنىشى ئىپتىخارلىنىدىغان ئىشتۇر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن“.

ۋاڭ زوئەن شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، بېيجىڭدىكى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش مۇھىتىغا تېز ماسلىشىش؛ ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭدىن بېيجىڭغا كەلدى، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش مۇھىتىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئوقۇغۇچىلار بۇ جەھەتتە تولۇق ئىدىيەۋى تەييارلىق كۆرۈشى، يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، ئەڭ مۇھىمى غايىلىك بولۇشى،  ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان ئىزباسارلاردىن بولۇش ئىرادىسىنى تىكلىشى كېرەك. ئىككىنچى، باش چۆكۈرۈپ تىرىشىپ ئۆگىنىشى لازىم؛ ئوقۇش ئەسلىدىنلا جاپالىق ئىشتۇر. ئوقۇغۇچىلار بۇ قىسقىغىنا بەش يىللىق ئوقۇش پۇرسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ خەنزۇچە، ئەرەبچە ۋە دىنىي ئىلىملەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى، ئاساسىنى پۇختىلاپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئۇنىۋېرسال ساپانى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ ئوقۇغۇچىلار نەزەر دائىرىسىنى ئېچىشى، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى، مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە دىن خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىن خىزمىتىگە ئائىت يوليورۇق-سىياسەتلىرى، قانۇن-نىزاملىرىنى ئىگىلىشى، چوڭ ۋەزىيەت ئالدىدا ھوشيار بولۇپ، مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاڭلىق خىزمەت قىلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىدىغان قەبىھ كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەتكە دائىر ئىلىملەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى، شىنجاڭ تارىخى، دىنلار تارىخى ۋە ئىسلام تارىخىنى ئۆگىنىپ ئىجتىمائىي پەن سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، توغرا تارىخىي قاراش شەكىللەندۈرۈپ، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يېتەكچىسى ۋە ئۈلگىسى بولۇشقا تىرىشىشى لازىم.

ۋاڭ زوئەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ سىنىپى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىنى، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ئىمكانقەدەر ھەل قىلىپ بېرىشىنى؛ ئىنستىتۇتدىكى شىنجاڭ سىنىپى بىلەن باشقا سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە سۇپىسىنى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سۈپەت-سەۋىيەسىنى تەڭ يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن ۋاڭ زوئەنگە ھەمراھ بولۇپ شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلىدى ھەمدە رەھبەرلەرگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىدىن يولداش ۋاڭ زوئەننىڭ سۆزىنى ئەستە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. بىرىنچى، ئوقۇغۇچىلار توغرا نىشاندا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر سەگەك بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى مۇھىم بىلىپ، ئىسلامنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئېھتىياج دەپ بىلىپ، ئۆزىنى ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆز غايىسىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئىشلىرىغا بېغىشلىشى لازىم؛ ئىككىنچى، دىنىي ئىلىملەرنى پۇختا ئىگىلىشى، دىنىي دەستۇرلارنى ئوبدان ئوقۇپ، پىششىق ئۆگىنىپ، پۇختا ئاساس ھازىرلاپ، ئىلىمدە تاكامۇللىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، ئوتتۇرا ھاللىق، ئىتتىپاقلىق، كەڭچىلىك روھىنى تەشۋىق قىلىشى، شۇ ئارقىلىق تىنچ-ئامانلىق ۋە گۈللىنىشنىڭ ئاساسىنى بەرپا قىلىشى لازىم؛ ئۈچىنچى، ئەخلاق-پەزىلىتىنى كۈچەيتىشى، يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، ئەھلى پازىللاردىن بولۇشقا تىرىشىپ، تەقۋادار ھەم پەرھىزكار بولۇپ، نام-مەنپەئەتكە بېرىلمەي، ئىسلام ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئېسىل ئوبرازىنى نامايان قىلىشى لازىم.

دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈسۈپ ما جىن، 4-مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كۇاڭ شېڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، باش كاتىپ نەبىل ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

(رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر