باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم قاتار ئاخبارات ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-04-25   
-2017يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، قاتار «تۇغ»گېزىتى، «شەرق» گېزىتى ۋە «ئەرەبلەر» گېزىتى قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ ئالىي مۇخبىرلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىمنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى، ئىككى تەرەپ دوستانە سۆھبەتلەشتى.
ئادىل ھاجى كېرىم مېھمانلارغا جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. سۆھبەتكە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار قاتناشتى (خەن جىنجۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ(
 
يەنە >>سۈرەتلەر