باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ چيۇجيەن، جۇڭگو دىنلار تىنچلىق ھەيئىتىنىڭ باش كاتىپى لاسەن قاتارلىقلار جەمئىيىتىمىزگە كېلىپ ھال سورىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-01-27   

2017-يىل 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ چيۇ جيەن، جۇڭگو دىنلار تىنچلىق ھەيئىتىنىڭ باش كاتىپى لاسەن قاتارلىقلار جەمئىيىتىمىزگە كېلىپ ھال سورىدى ھەمدە جەمئىيىتىمىز رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى. جەمئىيىتىمىز رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم، ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپ نەبىل ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

جاڭ چيۇجيەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللىكتىپىنى تەبرىكلىدى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەزكۇر يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە جۇڭگو دىنلار تىنچلىق ھەيئىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە داۋاملىق ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇنلۇق قانات يايدۇرۇپ، كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، نامراتلارنى يۆلەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك“.

رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭ جاڭ چيۇجيەن قاتارلىقلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە جۇڭگو دىنلار تىنچلىق ھەيئىتىنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكى ۋە خىزمەتلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:  ”جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە جۇڭگو دىنلار تىنچلىق ھەيئىتى بىلەن يېقىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بار. بۇ يېڭى يىلدا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو دىنلار تىنچلىق ھەيئىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىدۇ، ماسلىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللايدۇ؛ جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش، تىنچلىقنى سۆيۈش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگودىكى دىنلارنىڭ ئىجابىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ“.

سۆھبەتكە يەنە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى قاتناشتى.

(ئىسمائىل ما جيەنلۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)  

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر