باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن قاتارلىقلار جەمئىيىتىمىزگە كېلىپ چاغانلىق ھال سورىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-01-27   

2017-يىل 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن جياڭ جيەنيۇڭ، چېن زۇڭرۇڭ، جاڭ يەنتۇڭ قاتارلىقلار جەمئىيىتىمىزگە كېلىپ چاغانلىق ھال سورىدى ۋە جەمئىيىتىمىز رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتكە جەمئىيىتىمىز رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپ نەبىل ماجۇڭپىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ۋاڭ زوئەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ” 2017-يىل جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىسلام جەمئىيىتى خىزمەتلىرىگە قارىتا يېڭى پىلان، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى تەدبىر، يېڭى نۇقتىلارنى بېكىتتى. دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش چوڭ تېما، شۇنداقلا قىيىن تېما، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش نىشانىدا چىڭ تۇرۇش جەھەتتە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە مەركەزنىڭ سىياسىتى ۋە روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلىشى لازىم؛ دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىشقا يۈكسەك ئېتىۋار بېرىشى لازىم؛ تور ئۇچۇرلىرىغا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى ھەمدە دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەشكە دىققەت قىلىشى لازىم. شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرا يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، «يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر»نىڭ زامانغا ماس ئۈنۈمدارلىقى ۋە قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قوغدىشى لازىم“.

رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭ ۋاڭ زوئەن قاتارلىقلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەتلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ” 2017-يىل جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، دىنىي ئىشلار، ھەج خىزمىتى، تاشقى ئالاقە، ئىسلام ئىنسىتىتۇتى مائارىپى ۋە ئۆزلۈك قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ھەم پۇختا ئىشلەپ، جەمئىيەت خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىيات، يېڭى يۈزلىنىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ“.

سۆھبەت يىغىنىغا يەنە دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە بۆلۈم مەسئۇللىرى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى قاتناشتى.

(ئىسمائىل ما جيەنلۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر