باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجيوڭ قاتارلىقلار جەمئىيىىتىمىزگە كېلىپ چاغانلىق ھال سورىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-01-27   

2017-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى چاغان ھارپىسىدا مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجيوڭ قاتارلىقلار جەمئىيىتىمىزگە كېلىپ ھال سورىدى ھەمدە جەمئىيىتىمىز رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. جەمئىيىتىمىز رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، ئابدۇللا ئەمىن جىڭ رۇبىڭ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپ نەبىل ماجۇڭپىڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

جاڭ يىجيوڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيىتىمىزنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تەكىتلەپ:” 2017-يىل جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى چۆرىدىگەن ئاساستا شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تورىنى قۇرۇش، دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، قانۇنلۇق دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى چىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سىياسىتى ۋە روھىنى ئىسلام دىنى خىزمەتلىرىگە ھەقىقىي تەتبىقلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداش جەھەتتە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن“ دېدى.

رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭ جاڭ يىجيوڭ قاتارلىقلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەتلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”2017-يىل جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئىسلام دىنى خىزمىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ؛ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىدۇ؛ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ؛ قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دىنىي خىزمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ پىلانلىق، تەشكىللىك ھەج قىلىش يولىنى مۇستەھكەملەپ، ھەجگە تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ؛ ’بىر بەلباغ، بىر يول‘ قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، چەت ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كېڭەيتىدۇ؛ ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىسلام مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ياخشىلايدۇ“.

سۆھبەتكە يەنە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 2-ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە بۆلۈم مەسئۇللىرى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى قاتناشتى.

(ئىسمائىل ما جيەنلوڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

 

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر