باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە كېلىپ ھال سورىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-01-16   

2017-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن، مۇئاۋىن مۇدىرى رېن شاۋمىن، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جو نىڭ قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە كېلىپ ھال سورىدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپى نەبىل ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلار ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.

سۆھبەتتە مۇئاۋىن رەئىس ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭغا ۋاكالىتەن جۇ ۋېيچۈن قاتارلىق مېھمانلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەتلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. باش كاتىپ نەبىل ما جۇڭپىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى قىسقىچە دوكلات قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بەدرىدىن گو چېڭجېن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىشى توغرۇلۇق بەزى تەكلىپلەرنى بەردى.

جۇ ۋېيچۈن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە خىزمەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئاندىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرىگە كۆپرەك پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

سۆھبەتكە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىبراھىم خۇڭ چاڭيو، مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ، ئىمادىدىن ۋېن جيەن، سۇلايمان جاۋ جۈن قاتارلىقلار قاتناشتى.

(يۇنۇس گو يۇڭبو خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)  

 
يەنە >>سۈرەتلەر