باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-01-13   

 

2017-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى ئەسقار ھاجى ۋە ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى ئالماسىي قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ ئاخۇننىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى، ئىككى تەرەپ دوستانە سۆھبەتلەشتى.

باش ئەلچى ئەلى ئەسقار ھاجى ھەسەن ياڭ فامىڭ ئاخۇننىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئىران ئىسلام مەدەنىيىتى ئالاقە ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئەبۇجارى ئىبراھىم بىلەن ئىران ھەج ئورگىنى رەئىسى غازى ئەسقارىنىڭ تەبرىك سالامىنى يەتكۈزدى.

ھەسەن ياڭ فامىڭ ئاخۇن باش ئەلچى ئەلى ئەسقار ھاجىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئالدىنقى يىلى 4-ئايدا ئۆزىنىڭ ئۆمەك باشلاپ ئىراننى زىيارەت قىلغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئىران مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ھەج ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ھەسەن ياڭ فامىڭ ئاخۇن ئەلى ئەسقار ھاجىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەدەنىيەت، مائارىپ، ھەج ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئەلى ئەسقار ھاجىمۇ ھەسەن ياڭ فامىڭ ئاخۇننىڭ رەئىس بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە جۇڭگو-ئىران ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەت يىغىنىغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ، مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. (ئىلياس ما يىخۇي خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 
 
 
 

يەنە >>سۈرەتلەر