باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-12-20   

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى مەكتەپ مەسچىتىدە مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەۋلۇت پائالىيىتىدە ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىرلىكتە قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلدى. جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان دۇرۇت-سالاملارنى ئوقۇدى. 4-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەي يانەن ”ھەدىس شەرىفنى ئۆگىنىپ، لاياقەتلىك مۇسۇلمانلاردىن بولايلى“ دېگەن تېمىدا ۋەز سۆزلىدى. ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا تەۋسىيە قىلىپ: ”جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرقايسى پەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلىگەنلىكىدۇر“ دېدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەۋلۇت كۈنى بولۇپ 12-ئايدىن بۇيان ئىنستىتۇتىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى «ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى خاتىرىلەيلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئۆگىنەيلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەشۋىق قىلايلى» دېگەن تېمىدا مەۋلۇت ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. دىنى كەسپى دەرسلەرنى ئۆگىنىش، جۈمە كۈنى مەۋلۇت ھەققىدە ۋەز-تەبلىغ سۆزلەش ۋە كوللېكتىپ ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيەلەپ دۇرۇت-سالاملارنى ئوقۇش قاتارلىق ھەرخىل شەكىللەر بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پارلاق ھايات پائالىيىتىنى ئۆگىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئەسلەش ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.

(جاڭ ۋېنۋېي خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئەمىن تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر