باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-12-20   

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۇنىس، ئافغانىستان، ئىران، چاد، مىسىر، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىرىنچى بولۇپ تەبرىكنامە يوللاپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقى ۋە ھەسەن ياڭ فامىڭنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، دوستلۇق ۋە كەڭ قورساقلىق روھىنى تارقىتىش ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئوينىغان مۇھىم رولىغا ئاپىرىن ئوقۇدى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن دوستانە ھەمكارلىق ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

تەيۋەن ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاڭ مىڭجۈن مەخسۇس تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەسەن ياڭ فامىڭنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ”بۇرۇنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، توغرا يولنى تەشۋىق قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش“نى ئۈمىد قىلدى.

)بەرنا، رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ (

يەنە >>سۈرەتلەر