باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-11-29   

 

2016-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يىغىندا جۇڭگو ئىسلام دىنى 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرى چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى ھەمدە كەلگۈسى 5 يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا »جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 9-نۆۋەتلىك دائىمىي ھەيئىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى« ۋە »جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى نىزامنامىسى(تۈزىتىش لايىھەسى)»، شۇنداقلا »جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى قارارى« قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ «توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالايلىمەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تەشەببۇسنامىسى« چىقىرىلدى.

يىغىندا ياڭ فامىڭ رەئىسلىكىدىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى. ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا، ليۇ باۋچى، ما كەيشەن، ما ۋېنيۈن، ئادىل ھاجى كېرىم، مۇ كېفا، ۋاڭ شۇلى، ليۇ كېجې، ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز، داۋكېش دوزباي(قازاق)، كۇۋ جىنفا، تۇرغۇن غوجى(قىرغىز)، خەن جوخۇي، جىن جيەنخۇا، ياڭ رۈيچياڭ، مى شوۋجياڭ، ۋاڭ ۋېنجې، جىن رۇبىڭ، سۇڭ ئېنلىن قاتارلىق 20 كىشى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، ما جۇڭپىڭ باش كاتىپلىققا سايلاندى. يىغىندا يەنە يېڭى نۆۋەتلىك كېڭەش، دائىمىي كېڭەش سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى.

يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتۇڭ سۆز قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى ياڭ فامىڭ يېپىلىش مۇراسىمى نۇتقى سۆزلىدى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتۇڭ مۇنداق دېدى: “جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى كاتتا ئىش بولۇپ، جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ كەلگۈسىدىكى ساغلام تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ”. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: “يىغىندا سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ۋەكىللىك دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، رەھبەرلەر تېخىمۇ ياش، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرەلەيدۇ”. ئۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىگە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەكلىپ بەردى: “بىرىنچى، بۇ يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشۈش؛ ئىككىنچى، كۆۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ ئۈچىنچى، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، دىنىي ئىشلار، ھەج تاۋاپ قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش”. ئۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپى، بارلىق ۋەكىللەر ۋە جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىننى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ “ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىقنى سۆيۈش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇشتەك” ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، چوڭ ۋەزىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى، جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

رەئىس ياڭ فامىڭ يىغىننىڭ يېپىلىش نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: “پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ليۇ يەندۇڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم بارلىق ۋەكىللەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ، رەئىس يۈ جېڭشېڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمان ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقىنى ھەمدە ئىسلام دىنى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ھەم ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت، جەمئىيەت ۋە خەلق ئۈچۈن ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىشى لازىم”. رەئىس ياڭ فامىڭ بۇ نۆۋەتلىك كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىگە تۆۋەندىكىدەك پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: “شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشىمىز لازىم؛ دىنىي ئىشلار خىزمىتىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن يول قويغان دائىرىدە قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم؛ ھەجگە تەشكىللەش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەجدە “ئۈچلەشتۈرۈش” قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەجگە تەشكىللەش مۇلازىمىتىنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىمىز لازىم. “بىر بەلباغ بىر يول” قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم؛ ئىسلام مەدەنىيىتى تەشۋىقاتى ۋە تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان تەتقىقات ئىشلىرىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇشىمىز لازىم. ئىسلام مائارىپى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى مائارىپتىن زامانىۋى مائارىپقا ئۆتۈش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز لازىم؛ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى جانلاندۇرۇپ، تۈرلۈك قائىدە-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاك-دىيانەتلىك ھەم مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلىشىمىز لازىم”.

شۇ كۈنى ئاخشىمى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك دائىمىي كېڭىشىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش كاتىپنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك دائىمىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن ھاجى بارات رەجەپ، ما شىپىڭ، ۋېن جيەن، جاڭ رۈيجېڭ، گۇي شىجياڭ، خا شاۋلىن، جاۋ جۈن، چېن يۈلۇڭ، چاڭ چىڭلياڭ، ليۇ شۆچياڭ، دەي جۈنفېڭ قاتارلىق 11 كىشى 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى. 

(جەۋادىدىن ما لىچياڭ، رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر