باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-11-26   

 

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەلگەن ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ھەر مىللەت زاتلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 372 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

9-نۆۋەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۈاڭيۈەن ئاخۇننىڭ ھاۋالىسى بىلەن مۇئاۋىن رەئىس ئىبراھىم خوڭ چاڭيۇ ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى، مۇئاۋىن رەئىس قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن 9-نۆۋەتلىك دائىمىي ھەيئەتكە ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى، مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجوڭ، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتوڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ۋاڭ زوئەن مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2011-يىل، مەملىكەتلىك 9-قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام دىنى 9-نۆۋەتلىك ھەيئىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئۆز خىزمەتلىرىگە سادىق بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇق-سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، ھەج ئىشلىرى، دىنىي ئىشلار، مەدەنىيەت تەشۋىقاتى، جەمئىيەت پاراۋانلىقى ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى، چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقە، دىنىي مائارىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك كېڭەش ئەزالىرى ۋە رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى، ئېسىل ئەنئەنىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئىسلام دىنىنى ساغلام تەرەققىياتقا يېتەكلەپ، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ھەم ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىي دىنىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇشقا، مۇسۇلمان ئاممىسىنى ھەج پائالىيىتىگە ئىلمىي قاراشقا يېتەكلەشكە، ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپ ئىختىلاپلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا، كۆچمە مۇسۇلمانلارغا دىنىي مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشقا، ئىسلام دىنى خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاشقى ئالاقە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى. ۋاڭ زوئەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن مۇسۇلمان ئاممىسىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ ئاتلىنىپ، ئىككى يۈز يىللىقكۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ بەدرىددىن گو چېڭجېن 9-نۆۋەتلىك دائىمىي ھەيئەتكە ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، 2011-يىلدىن بۇيانقى ئاساسلىق خىزمەتلەر ۋە تەجرىبە-ساۋاقلارنى خۇلاسىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىزمەت دوكلاتىدا ئۇ مۇنداق دېدى: 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگولىشىش يۆنىلىشى توغرىسىدا ئىزدەندى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، دۆلەت قانۇنى بىلەن شەرىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش يولىدا يېڭى قەدەملەرنى باستى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا: جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگولىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ دىن ئىشلىرى خىزمىتى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تەشكىللىك ھەج قىلىش يوللىرىنى مۇستەھكەملەپ، تەشكىللەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، تاشقى ئالاقە بېرىش-كېلىشىنى كېڭەيتىش، ئىسلام ئىنستىتۇتىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىسلام مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سىلجىتىش، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ خىزمەت ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت 7 جەھەتتىكى خىزمەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ياخشى ئىشلەيدۇ.

مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىشخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەننى سۆيۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ئېپىسكوپلار ھەيئىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ئېپىسكوپلار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەننى سۆيۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما يىنلىن مەملىكەتلىك خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگو ئىسلام دىنى 9-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، كەلگۈسى بەش يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاشتىن ئىبارەت. ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۆلەت ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئىبارەت ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىسلام دىنى ساھەسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا خىزمەت قىلىش، ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگولىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە، تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تەشكىلى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 13-بەش يىللىق نىشان ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.

يىغىن ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. ۋەكىللەر جۇڭگو ئىسلام دىنى 9-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللايدۇ. جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-نۆۋەتلىك كېڭەش بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى سايلاپ چىقىدۇ.

(جەۋادىدىن ما لىچياڭ، رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر