باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىدىن چېرسى برىنت خانىم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-11-10   

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى خەلقئارا دىنلار ئەركىنلىكى پەۋقۇلئاددە باش ئەلچىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى چېرسى برىنت خانىم باشچىلىقىدىكى بەش كىشىلىك ئۆمەك جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئىككى تەرەپ سەمىمىي ۋە دوستانە سۆھبەتلەشتى.

ئادىل ھاجى كېرىم مېھمانلارغا جۇڭگونىڭ دىنىي سىياسىتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىنىڭ فۇنكسىيەسى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، مېھمانلارنىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج تاۋاپ، مائارىپ، دىنى زاتلارنى تەربىيەلەش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك كاتىپى باۋ دېباۋ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبلىرىدىن ئىمادىدىن ۋېن جيەن ، ئابدۇللا جىن رۇبىن، خەلقئارا بۆلۈمنىڭ مۇدىرى مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىرگە بولدى.

(ئىلياس ما يىخۇي خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر