باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا كادىرلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ۋە سۆھبەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-11-08   

-2016يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىن كەلگەن يېزا كادىرلىرى ۋەكىللىرى بىلەن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن تەشكىللەنگەن 30 كىشىلىك ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

سۆھبەتتە، ئادىل ھاجى كېرىم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ دۆلىتىمىزگە سېڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قانات يايدۇرغان بىرقاتار خىزمەتلەرنى سۆزلەپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتى ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىنىڭ بۇ جەھەتتە ناھايىتى ياخشى رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

)مۇھەممەد ئىمىن مەخمۇت خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ (

يەنە >>سۈرەتلەر