باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەرەب دۆلەتلىرى ئاتاقلىق دىنى زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-11-08   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تۇنىس دىنى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلجەلىل بىن سەلىم باشچىلىقىدىكى ماراكەش، ئىراق، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، لىۋان، پەلەستىن، مىسىر قاتارلىق 9 ئەرەب دۆلىتىدىن كەلگەن 9 نەپەر ئىسلام دىنى زاتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. جۇڭگودىكى مەزگىلدە ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ ۋە يۈننەن قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى.

-10ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەدرىدىن گو چېڭجېن، مۇستافا ياڭ جىبو، ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ، ئىككى تەرەپ قىزغىن ۋە دوستانە سۆھبەتلەشتى. ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام دىنى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تونۇشتۇردى. جەمئىيىتىمىزنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى مېھمانلارغا ئايرىم ئايرىم ھالدا جۇڭگونىڭ مەدرىس مائارىپى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تاشقى ئالاقىسى، ھەج خىزمىتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى مېھمانلارغا تونۇشتۇردى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلىپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

-10ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدا دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتوڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇ مېھمانلارغا جۇڭگونىڭ دىنىي ئىشلار سىياسىتى ۋە ھەر قايسى دىنلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئابدۇلجەلىل بىن سەلىم دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ جۇڭگودىكى ھەرقايسى دىنى تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋەتلىگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتتى، ئۇ بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرى دىنى تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسى ۋە بېرىش-كېلىشىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ جاڭ يەنتوڭنى تۇنىس قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

يۈننەندە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، يۈننەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما كەيشەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ما كەيشەن ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئەھۋالى، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە شادىيەن مەسچىتى ۋە ئەرەب تىلى مەكتىپى، كۈنمىڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، شۇ جايدىكى ئىماملار، ئىنستىتۇتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ھەمدە مۇسۇلمانلار ئاممىسى بىلەن پىكىرلەشتى. 

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماجىن، تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆ شۇچى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەدرىددىن گو چېڭجىن، مۇستافا ياڭ جىبو، ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن باش كاتىپى جىن رۇبىن، ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇۋاھاب سۇڭ ئېنلىن ھەمدە يۈننەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش، ئۆلكىلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، ئۆلكىلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى، ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو، خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇسا چېن يۈلوڭ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا-ئافرىقا مەھكىمىسىنىڭ 3-دەرىجىلىك كاتىپى دوۋ جئەننەن قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ھەمراھ بولۇپ جايلاردىكى زىيارەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

-10ئاينىڭ 28-كۈنى، ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، تۇنىس دىنى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئابدۇلجەلىل بىن سەلىم مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەرەبچە خەلقئارا قانىلى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

)ئابدۇلھېكىم ما جې خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ(

 
يەنە >>سۈرەتلەر