باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 2017-يىللىق ئىسلام كالىندارى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-11-02   

جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىسلام كالىندارى جەھەتتىكى دىنىي يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن نۇپۇزلۇق، ئېنىق ۋە توغرا ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئېتىش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداش مەقسىتىدە، 10-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 2017-يىللىق مىلادىيە، قەمەرىيە ۋە ھىجرىيە كالىندارلىرىنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام كالىندارچىلىقى ساھەسىدىكى ئالىم شا يۈەنجاڭ، چېن خەيماۋلار جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى كاتىبات گورۇپپىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە 2017-يىللىق ئۈچ كالىندارنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ھەمدە «2017-يىللىق مىلادىيە، قەمەرىيە، ھىجرىيە كالىندارلىرىنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلى»نى قاراپ چىقىپ بېكىتتى.

(ئەلى ما خەيياڭ خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر