باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

خوتەن ۋىلايەتلىك ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ۋە سۆھبەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-10-17   

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، بەدرىددىن گو چېڭجېن دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوتتۇراھاللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن تەجرىبە ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى كەڭ قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى، ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قىلغان خىزمەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، ئەسەبىي ئىدىيەنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك يوقىتىش توغرىسىدا ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. 

(مۇھەممەد ئىمىن مەخمۇت خەۋىرى، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر