باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا 2016-يىللىق قۇربان ھېيتلىق ھېيتلىق زىياپەت بەردى،ليۇ يەندۇڭ، سۈن چۈنلەن قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتنىشىپ ھېيتنى تەبرىكلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-09-14   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، بېيجىڭدا شىنجاڭ مېھمانسارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جېڭۋېي قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتنىشىپ ھېيتنى تەبرىكلىدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن زىياپەتتە سۆز قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلامىيەت ئىشلىرىغا قىلغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن ھېيتلىق ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دىننىڭ جۇڭگولىشىش يۆلىنىشى توغرىسىدىكى تەلىپىنى يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى مۇستەھكەم قانات يايدۇردى. جەمئىيىتىمىز شىنجاڭدا ”ئىسلام دىنى ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى“ ئاچتى، يىغىن تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى. بۇ يىغىن دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسى بىلەن رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە بىرلىكتە ۋارىسلىق قىلىپ، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ۋە كەڭ قورساقلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ ئىجتىمائى مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىل جەمئىيىتىمىز 14 مىڭ 600 نەپەر ھەر مىللەت ھەج قىلغۇچىنى مۇقەددەس جاي مەككەگە بېرىپ ھەج قىلىشقا تەشكىللىدى ھەمدە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. مۇشۇنداق خوشاللىق پەيتلەردە ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىنى، خەلقنىڭ بەخت-سائادەتلىك، خاتىرجەم بولۇشىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، دۇنيانىڭ تىنچ-ئامان بولۇشىنى تىلەيلى، دېدى.

تەكلىپكە بىنائەن زىياپەتكە يەنە مەركىزى كومىتېت بىرلىك سەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەسقەت كېرىمباي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ خۇي، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مەركىزى كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى شىنجاڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جاۋ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جياڭ شياۋجۈەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ مىڭ، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتۇڭ، جۇڭگو خەلق تاشقى ئالاقە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىن يى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ شۇجىسى ساۋ جۇڭجيەن، بېيجىڭ شەھەرلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چى ۋېيشېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن زىياپەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. قاتارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇلتان مەنسۇر قاتارلىق 40تىن كۆپ ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بېيجىڭدىكى چەتئەللىك مۇسۇلمان ئالىملار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە مۇسۇلمانلار ۋەكىللىرى بولۇپ 300دىن ئارتۇق ئادەم زىياپەتكە قاتناشتى.

(رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر