—ئىسلام دىنى ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى تەشەببۇسنامىسى
(2016-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى)
2016-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭخۇا دىن، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىرلىكتە جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە ”ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرايلى“ تېمىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن داڭلىق دىنىي زاتلار، ئىسلام ئالىملىرى ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق، تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋەقەلىرىگە قارىتا، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش روھىنى چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلدى؛ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇردى، ئىسلام دىنىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قوغداش ھەققىدە ئورتاق تونۇشقا كەلدى. نەتىجىدە، ۋەكىللەر تۆۋەندىكى ئورتاق تەشەببۇسنامىنى جاكارلىدى:
1. ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىك ۋە رادىكاللىقتىن ساقلىنايلى
ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل-ئىبادەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئەمەل قىلىدىغان تۈپ پىرىنسىپى . بۈگۈنكى كۈندە، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش ئىسلام دۇنياسى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاساسىي ئېقىم ۋە قىممەت قارىشىغا ئايلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىردى. بىز قول تۇتۇشۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىشىمىز ھەم جانلاندۇرۇشىمىز كېرەك؛ ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى تەشۋىق قىلىش، خاتا ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى تۈگىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم زامانىۋى ئەھمىيىتى بار.
نۆۋەتتە، ئاز بىر قىسىم يامان غەرەزلىك ئۇنسۇرلار ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە قارىماي، ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئويلاشماي، ”جىھاد“ ۋە”ھىجرەت“ نىڭ مەنىسىنى بۇرمىلاپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەردىن چەك-چېگرا ئايرىش سەپسەتىسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا خالىغانچە ھۆكۈم قىلىش ئىغۋاسىنى تارقىتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش بىلەن ھۆكۈمدارغا بويسۇنۇش ئىدىيەۋى تەشەببۇسىنى ئايرىۋېتىپ، ئېتىقاد بىلەن رەھىمدىللىكنى ھەم ئايرىۋېتىپ، مۇسۇلمان خەلق بىلەن ھۆكۈمەتنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىپ، مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ئىناقلىقىنى بۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەلقنىڭ ئامانلىقىغا زىيانكەشلىك قىلماقتا.
بىزنىڭ قارىشىمىز شۇكى: بىرىنچى، ”جىھاد“ نىڭ چوڭ-كىچىكلىك پەرقى بار. چوڭ”جىھاد“ ئىنساننىڭ ئۆز نەپسى بىلەن جىھاد قىلىشىنى، ئۆز روھىنى پاكلىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ كىچىك ”جىھاد“ دۈشمەنلەر ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە ھەققانىيەت يولىدا جەڭ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى ھەر قانداق شەخسنىڭ كىچىك ”جىھاد“ نى ئېلان قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ئىككىنچى، ئەگەر بىر دۆلەت ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلا بولىدىكەن ”ھىجرەت“ قىلىش يوق؛ ئۈچىنچى، ماتۇرىدى ۋە ئەشئەرى ئەقىدىسىدە ”دىلدا تەستىق قىلىش، تىلدا ئىقرار قىلىش“ ئىماننىڭ ئاساسلىق شەرتى دەپ قارىلىدۇ. ھېچكىمنىڭ باشقا بىراۋغا خالىغانچە ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى يوق؛ تۆتىنچى، ئەسەبىي كۈچلەر ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەتلى قىلىۋاتىدۇ، بۇ ۋەھشىيلىك ئاللاھنىڭ قەھر-غەزىپىنى قوزغايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ؛ ئۇ رادىكال كۈچلەرنى ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ، ئاشقۇنلۇق، رادىكاللىقتىن يېنىپ، ئاللاھنىڭ توغرا يولىغا قايتىشقا ئۈندەش كېرەك.
2.ئېسىل ئەنئەنىنى ھۆرمەتلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكە ئەھمىيەت بېرەيلى
يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ھەنەفىي مەزھىپى ۋە ماتۇرىدى-ئەشئەرى ئەقىدىسىگە تەۋە. ھەنەفىي مەزھىپى ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ئەقىلگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن داڭ قازانغان بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ماتۇرىدى-ئەشئەرى ئەقىدىسىمۇ ئېتىقاد مەسىلىسىدە ۋەھيى بىلەن ئەقىلنىڭ ھەر ئىككىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ كەڭ قورساق بولۇش، مۆتىدىل بولۇش، ئوتتۇرھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ ئەقىلنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئەقىلنى ۋەھيىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قويمايدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قەدىرلىشىمىز ۋە ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك بولغان قىممەتلىك بايلىقتۇر.
تەجدىد(يېڭىلاش، يېڭىلىنىش) ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر. ھەنەفىي مەزھىپى ئايەت-ھەدىسلەردىن چەتنىمىگەن ئاساستا ئەقىل ئىشلىتىپ يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىز بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئايەت، ھەدىس، قىياس ۋە ئىجمائ ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، زامان تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلارنى قايتىدىن تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىشنى، ئايەت-ھەدىسلەر ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن چۈشەنچە بېرىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.
3.مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنەيلى
ئىسلام دىنى ئىنسانلار ئورتاق بىر مەنبەدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ، مىللەتلەر، مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى، ھەر قەۋمنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشى، پىكىرلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يولىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشى، پىكىرلىشىشى، بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىشى، بىر-بىرىنى ئاسرىشى، ئىناقلىقتا بىللە تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەر خىل مىللەت، رايون ۋە ئېتىقادقا تەۋە قىلدى. مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى ئاللاھنىڭ كامالىي قۇدرىتىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر؛ ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
(ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ) ھەر بىرىگە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. (سۈرە«يۇنۇس»، 47-ئايەت)
(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق. (سۈرە«ئەنبىيا»، 107-ئايەت)
بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، ئىسلام دىنى دۇنيادىكى بارلىق قەۋمگە تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ئارىلىشىپ ئۆتۈشىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىش، ئۆزئارا تايىنىش ئاساسىدا ياشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۆزئارا دىيالوگ ۋە كەڭ قورساقلىق، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىش بولغاندىلا خىلمۇخىل نۇر، رەڭلەر ئورتاق جىلۋىلىنىپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز ئېتىقاد ئارقىلىق چەك-چېگرا ئايرىشقا، ئايرىمىچىلىق، زىددىيەت تېرىشقا قارشى تۇرىمىز؛ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى دەيدىغان سەپسەتىگىمۇ قارشى تۇرۇپ، دىيالوگ ئارقىلىق ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىشنى، كەڭ قورساقلىق ئارقىلىق تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.
4.مەدەنىيەت ۋە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، ياش ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى
ئىلغار مائارىپ مۇسۇلمانلارنىڭ توغرا يولدا مېڭىش، ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنىشىدىكى مۇھىم ھالقىدۇر. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كەڭ قورساقلىق، دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىشىمىز، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى ھۆرمەتلەپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرگە بويسۇنۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى تىرىشىپ تەشۋىق قىلىشىمىز، يېڭى ئەۋلاد مۇسۇلمان ياشلارنى زەھەرلىك ئىدىيەنىڭ تەسىرىدىن، ھەتتا رادىكالىزمنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىشىمىز كېرەك. بىز بۇ ياشلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ، قوبۇل قىلدۇرۇپ ھەم ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ، رادىكالىزمنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئاڭلىق ساقلىنالايدىغان ھەم ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدىغان قىلىشىمىز كېرەك.
(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)