باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-27   

ئۆز خەۋىرىمىز: ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن داڭلىق دىنىي زاتلار، ئىسلام ئالىملىرى ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنيۇڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھىسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېڭ جېنشەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىدىن گو چېڭجېن، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈسۈپ ماجىن، تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنيۇڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ياڭ جىبو مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرىگە ۋاكالىتەن ”ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرايلى“ دېگەن تېمىدا تەشەببۇسنامە ئېلان قىلدى.

جياڭ جيەنيۇڭ سۆزىدە يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى خۇلاسىلىدى؛ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سۆھبەت، مۇھاكىمە ئارقىلىق ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىدىن زوقلانغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بۇ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى جۇڭگو تۇنجى بولۇپ ئۆتكۈزگەن ئىسلام خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، جۇڭگونىڭ رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت-مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە ئورتاق تەشەببۇسنامە چىقىرىشى ناھايىتى مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، ئىسلام دىنى ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغاندىلا دەۋر تەرەققىياتىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشالايدۇ، شۇنداقلا توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ساقلاپ ساغلام تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت، ئىلىم ساھەسى، دىنىي زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئامما، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ھۆكۈمەت قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ئۆز ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىنى قوللىشى كېرەك. دىنىي زاتلار قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، دىنىي زاتلار شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىنىي زاتلار بىلەن ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئەسەبىيلىككە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. خەلقئارا قاتلامدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىن جەريانىدا، باش تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا جەمئىي بەش مەيدان نۇتۇق سۆزلەندى. يىغىنغا قاتناشقۇچى دۆلەتلەر ۋەكىللىرىدىن جەمئىي 29 كىشى نۇتۇق سۆزلىدى. يىغىندا قۇرئان، ھەدىس، ھەنەفىي پىقھىسى، ماتۇرىدى-ئەشئەرى ئەقىدىسىدىكى ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى ۋە نەزەرىيەسى، تارىختا ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى ۋە بۇنى ئىپادىلەيدىغان كونكرېت ئىش-ئەمەللىرى مۇھاكىمە قىلىندى؛ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسقا قانداق يۈزلىنىش ۋە زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى؛ بىر ياخشى مۇسۇلمان بىلەن بىر ياخشى پۇقرانىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش روھىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئەسەبىيلىكنىڭ تۈرلۈك سەپسەتىلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى.

يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، بۇ قېتىمقى يىغىن كۆڭۈل بۆلىدىغان تۆۋەندىكى مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى: ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ۋە كەڭ قورساق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىك ۋە ئاشقۇنلۇقتىن ساقلىنىش؛ ئېسىل ئەنئەنىنى ھۆرمەتلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش؛ مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىش؛ مەدەنىيەت ۋە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، ياش ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش.

«تەشەببۇسنامە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل-ئىبادەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئەمەل قىلىدىغان تۈپ پىرىنسىپى. بۈگۈنكى كۈندە، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش ئىسلام دۇنياسى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاساسىي ئېقىم ۋە قىممەت قارىشىغا ئايلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىردى. ئەسەبىي كۈچلەر ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەتلى قىلىۋاتىدۇ، بۇ ۋەھشىيلىك ئاللاھنىڭ قەھر-غەزىپىنى قوزغايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ؛ ئۇ رادىكال كۈچلەرنى ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ، ئاشقۇنلۇق، رادىكاللىقتىن يېنىپ، ئاللاھنىڭ توغرا يولىغا قايتىشقا ئۈندەش كېرەك.

«تەشەببۇسنامە»دە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:تەجدىد(يېڭىلاش، يېڭىلىنىش) ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر. ھەنەفىي مەزھىپى ئايەت-ھەدىسلەردىن چەتنىمىگەن ئاساستا ئەقىل ئىشلىتىپ يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىز بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئايەت، ھەدىس، قىياس ۋە ئىجمائ ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، زامان تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلارنى قايتىدىن تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىشنى، ئايەت-ھەدىسلەر ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن چۈشەنچە بېرىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

«تەشەببۇسنامە»دە مۇنداق دېيىلدى: شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۆزئارا دىيالوگ ۋە كەڭ قورساقلىق، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىش بولغاندىلا خىلمۇ خىل نۇر، رەڭلەر ئورتاق جىلۋىلىنىپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز ئېتىقاد ئارقىلىق چەك-چېگرا ئايرىشقا، ئايرىمىچىلىق، زىددىيەت تېرىشقا قارشى تۇرىمىز؛ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى دەيدىغان سەپسەتىگىمۇ قارشى تۇرۇپ، دىيالوگ ئارقىلىق ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىشنى، كەڭ قورساقلىق ئارقىلىق تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

«تەشەببۇسنامە»دە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بىز ياشلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ، قوبۇل قىلدۇرۇپ ھەم ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ، رادىكالىزمنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئاڭلىق ساقلىنالايدىغان ھەم ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

 (يۈسۈف جەۋاد ما لىچياڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر