باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن ئافغانىستان پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى ۋەكىللىرى ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-27   

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دىندا ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئافغانىستان پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى لەتىفخان جۇۋانداي باشچىلىقىدىكى ئۆمەك بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ دوستانە سۆھبەتلەشتى.

ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن مېھمانلارغا جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو-ئافغانىستان دوستلۇقىنىڭ تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئاندىن رەئىس لەتىفخان باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەك زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە قېرىنداشلارچە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لەتىفخان جۇۋاندايمۇ بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقە ۋە بېرىش-كېلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى ئۆمەك ئەۋەتىپ ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىشقا، ئىككى دۆلەت خەلقى، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلەتىپ ئابدۇرەھىم داموللا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ياڭ جىبو، مۇئاۋىن باش كاتىپ ھاجى بارات رەجەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى8-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيەن جىڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خەلقئارا بۆلۈمنىڭ باشلىقى مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

(ئابدۇلھېكىم ما جې خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر