باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-20   

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭخۇا دىن ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن مەشھۇر دىنىي زاتلار، داڭلىق ئالىملار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىدىن بولۇپ يۈزگە يېقىن ۋەكىل قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ” ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرايلى“ دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئىسلام دىنى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت، دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھادىسلىرىگە قارىتا ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى ئايەت-ھەدىسلەر ئارقىلىق چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگەندى ھەمدە ئىسلام دىنىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قوغداشنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى. 

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ”جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونى كۆپ مىللەت، كۆپ دىنلىق رايون. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى دىن خىزمىتىگە ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى دىنلار ئىناقلىقتا بىللە تۇرۇشتەك يىپيېڭى دەۋرگە كىردى“.  ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ”خەلقئارادىكى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنىڭ بالايى-ئاپىتىگە ئۇچرىدى، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرىدۇر. دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى “.

ۋاڭ زوئەن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ”نۆۋەتتە دۇنيادىكى بىر قىسىم رايون ۋە دۆلەتتە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بېرىپ، جاھاننىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ جېنى ۋە مېلىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. دىننى سۈيئىستېمال قىلىپ، ئايەت-ھەدىسلەرنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان رادىكالىزم، زوراۋانلىق-تېررورلۇقنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىغا ئايلىنىپ قالدى“. ۋاڭ زوئەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئەسەبىيلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامرىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، جۈملىدىن دىنىي ساھە ئورتاق تىرىشىشى، ھادىسە ۋە ماھىيەتنى تەڭ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە ئاتلىنىشى كېرەك. قانۇندىن پايدىلىنىپ ئەسەبىي ئىدىيەنى توسۇپ، بۇنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ تەشۋىقات ۋە تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىنتېرنېت-مېديا ۋاسىتىلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، توغرا، ئىجابىي پىكىر ئېقىمى ۋە يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش كېرەك؛ دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سەپسەتىلىرىگە سىستېملىق ھالدا رەددىيە بېرىپ، مۇسۇلمان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تىكلەپ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك؛  مىللەتلەر ئارا ئالاقە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەتلەر بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئىناقلىقتا بىللە تۇرۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ھەم ئۇنى جانلاندۇرۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىدىغان گۈزەل ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك؛ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئىلغار مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ”دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يامرىشى دۇنيا خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئايلاندى. بۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بىرلىك سەپ بەرپا قىلغاندا، بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ياردەم قىلغاندا، بىر-بىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەندە كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. جۇڭگو، روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىر-بىرىگە قوشنا، بىر-بىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدۇ، ھەر قايسى ھۆكۈمەت تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، رادىكالىزمغا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىپ، رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىشى كېرەك؛ ھەر قايسى دۆلەت ئۆلىمالىرى بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكالىزمغا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك“.

ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنى ئۇتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىدىغان دىن؛ مۇسۇلمانلارمۇ ئوتتۇراھال بولۇشقا ئەمەل قىلىپ، ئەسەبىيلىكتىن، ئاشقۇنلۇقتىن يىراق تۇرىدىغان كىشىلەردۇر. ئوتتۇراھاللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئايەت-ھەدىسلەردىمۇ تەلەپ قىلىنغان ئەمەل بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سۆز-ھەرىكەت ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ. ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى، مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگ-ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشقا، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى شەرىئەت نۇقتىسىدىن بايان قىلىپ، ئەسەبىيەتچىلەرنىڭ باشقىلارغا خالىغانچە ھۆكۈم قىلىش، خالىغانچە تۆھمەت قىلىش، ھىجرەت ۋە جىھاتنى قارىسىغا كۆپتۈرۈشتەك سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بەردى. ئۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ”مۇسۇلمانلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەرىپەتنى ئۇلۇغلايدىغان روھىنى جانلاندۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ۋە قىممىتىنى تونۇتۇپ، ئەسەبىيلىكنىڭ جاھالىتى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۆزلۈكىدىن تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك“. ئۇ ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن دىنىي زاتلارنى بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدىن پايدىلىنىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى بىرلىكتە تەشۋىق قىلىشقا، ئەسەبىيلىككە بىرلكتە قارشى تۇرۇشقا،  شەرىئەت-ئەھكاملارنى توغرا ئىگىلەپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئىسلام دىنى بىلەن بۈگۈنكى جەمئىيەتنىڭ يەنىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئېچىلىش مۇرسىمىدا، رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شەيخ لاۋىر غەينۇددىن، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت-مائارىپ مىنىستىرلىقى دىن ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شايقىن جالىم، قىرغىزىستان مۇپتىسى، قىرغىزىستان مۇسۇلمانلىرى دىن ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شەيخ مەقسەتبېك توختىمۇش، شۇنداقلا تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋەكىللىرى يىغىن تېمىسىدا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر دۇنيادا ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ، پۈتۈن رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان، ئىنسانىيەتكە خىرىس قىلىۋاتقان زور مەسىلىگە ئايلاندى. ئىسلام دىنىنىڭ ئەسەبىيلىك بىلەن قىلچە باغلىنىشى بولمىسىمۇ، ئەسەبىي كۈچلەر دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ خەلقنى خاتا يولغا يېتەكلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈۋەتتى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى دىن ئەھلى ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، باشقا مىللەتلەر، دىنلار، مەدەنىيەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ھەنەفىي فىقھىسىغا تەۋە، ئەقىدە-ئەھكاملار بىر-بىرىگە ئوخشىشىدۇ؛ يەنە كېلىپ ئۇ دۆلەتلەر شىنجاڭ بىلەن قوشنا بولۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ تەھدىتى ۋە خىرىسىغا ئوخشاشلا دۇچار بولماقتا. يىللاردىن بۇيان بۇ دۆلەتلەر ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ مۇئەييەن تەجرىبىلەرنى توپلىدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى مەزكۇر دۆلەتلەردىكى مەشھۇر دىنىي زاتلار، داڭلىق ئالىملار ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، رەھىمدىللىك روھىنى بايان قىلىشنى، ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، خەلقئارا ئىسلام ئېقىمى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، مۇسۇلمانلارنى توغرا ئېتىقاد، توغرا ئەمەلگە، ئوتتۇراھال يولدا مېڭىشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

(يۈسۈف جەۋاد مالىچياڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكۈتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر