باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق ھەج يېتەكچى خادىملىرى ۋە دىنىي يېتەكچى خادىملارنى تەربىيەلەش كۇرسى ۋۇجۇڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-17   

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئاچقان ھەج يېتەكچى خادىملىرى ۋە دىنىي يېتەكچى خادىملارنى تەربىيەلەش كۇرسى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇجۇڭ شەھرىدە ئېچىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتۇڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ياڭ جىبو ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى؛ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس ھەيئەت ئەزاسى يەن پىڭ تەبرىك سۆزى قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دىڭ ۋېيدۇڭ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇجۇڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جىنخەي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا-ئافرىقا مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋاڭ چىمىن، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گې، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، شۇنداقلا شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن قاتارلىق 15 ئۆلكە (رايون، شەھەر) ئۆمىكى ۋە بىرلەشمە ئۆمەكنىڭ 110دىن ئارتۇق يېتەكچى خادىم ۋە دىنىي يېتەكچى خادىملىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتۇڭ دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىگە دائىر تەييارلىق ئىشلىرىنى ئۇقتۇردى، بۇ يىلقى ھەج خىزمىتى دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى ھەمدە ھەج خىزمىتى ئۆمىكى ۋە يېتەكچى خادىملارنىڭ ھەج مۇلازىمىتى خىزمىتىگە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، سىياسىي ئاڭنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەج خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىككىنچى، بىخەتەرلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈچىنچى، تەشكىلىي ئاڭنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ تۆتىنچى، مۇلازىمەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ بەشىنچى، ئىنتىزام ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىش. 

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ياڭ جىبو دۆلىتىمىزنىڭ ھەج خىزمىتى ئۆمىكى پائالىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھەج خىزمىتى ئۆمىكىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە يېتەكچى خادىملارنىڭ خىزمەت تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئورۇنلىشى كېرەكلىكىنى، ھەج سىياسىىتى، تاشقى ئىشلار ئىنتىزامى ۋە ھەج بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ھەم ئىگىلەپ، خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

12-كۈندىن 13-كۈنگىچە 3-مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گې، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ياڭ جىبو، مەسلىھەتچى ۋاڭ چىمىن، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى دەرس سۆزلىدى. دەرسلەردە ئومۇمەن دۆلەت سىرتىدىكى ھەج خىزمىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر، ھەجگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى خادىملارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى، ھەج بىخەتەرلىكى خىزمىتى ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتى، ھەج بىلىملىرى ۋە ھەج تەرتىپى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىن مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسىس چېن يۇڭچىڭ، كۇرسانتلارغا يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق ئىسسىقتا قانداق قوغدىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە تېببىي بىلىملەرنى سۆزلەپ بەردى.

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، دىنىي يېتەكچى خادىملارنىڭ كۇرسى ئېچىلدى. 3-مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گې، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم كۇرسقا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئادىل ھاجى كېرىم دىنىي يېتەكچى خادىملاردىن ئىدىيە ۋە تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەجگە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئەھمىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتەك يۈكسەك مەۋقەدە تۇرۇپ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ دىنىي يېتەكچى خادىملار ھەج قىلغۇچىلارغا باشتىن ئاخىر يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى، يېتەكچىلىك خىزمىتىنى باسقۇچلۇق، پىلانلىق قانات يايدۇرۇشى، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى ئېنىق بىلىپ پائالىيەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ھەجنىڭ مەنىۋى قىممىتىنى ئاممىباپ سۆزلەر بىلەن بايان قىلىشى، مۇسۇلمانلارنى ھەج پەرزىگە ئەمەل قىلىشقا، مەدەنىيەتلىك ھەج قىلىشقا ھەمدە بۇنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلىشى، نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج پەرزىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك دېگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

7-ئاينىڭ 14-كۈنى، ھەر قايسى ئۆلكە ئۆمەكلىرى ۋە بىرلەشمە ئۆمەكنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنى ئېچىلدى. لى گې، مۇستاپا ياڭ جىبو، ئادىل ھاجى كېرىم بۇ يىلقى ھەجگە تەشكىللەش خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى ئىشلەش ھەققىدە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەر قايسى ئۆمەك مەسئۇللىرى ھەج خىزمىتى توغرۇلۇق پىكىر ئالماشتۇردى. 

(ھاجى بارات رەجەپ خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى)

يەنە >>سۈرەتلەر