باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىرانلىق قارىيلارنى جۇڭگوغا تەكلىپ قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-15   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئىران ئىسلام مەدەنىيىتى ئالاقە ئورگىنى ئەۋەتكەن ئىرانلىق داڭلىق قارىيلاردىن مەھدى ۋە مۇستاپالاردىن تەشكىللەنگەن ئىككى كىشىلىك ئۆمەك 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارەت مەزگىلىدە بېيجىڭ، گەنسۇ، لەنجۇ، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردا رامىزانلىق قىرائەت پائالىيەتلىرىدە بولدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارەت مەزگىلىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلار بېيجىڭ نيۇجې مەسچىتى، چاڭيىڭ مەسچىتى، گەنسۇ لەنجۇ نەنگۈەن مەسچىتى، شىگۈەن مەسچىتى، لىنشيا لاۋخۇا مەسچىتى، لاۋۋاڭ مەسچىتى قاتارلىق مەسچىتلەردە، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى، لەنجۇ ئىسلام ئىنستىتۇتىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.

(ما يىخۇي خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر