باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە كاتتا روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-08   

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ھىجرىيە 1437-يىللىق روزا ھېيتىنى كۈتۈۋالدى. ھېيت كۈنى ئەتىگەندە ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ھەرقايسى مەسچىتلەرگە بېرىپ ھېيت نامىزى ئوقۇدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:30 دا ھەيۋەتلىك ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتىدە ئەزان ئاۋازى ياڭراپ، ھېيتلىق پائالىيەت رەسمىي باشلاندى. ئاۋۋال، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۇھتەرەم شېرىپ داموللا ھاجى ۋەز سۆزلەپ، رامىزاننىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ ئايدىن كېيىنمۇ تەقۋادارلىقنى ساقلاپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولۇش كېرەكلىكىنى تەبلىغ قىلدى. ئاندىن جامائەت ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھېيت نامىزى ئوقۇدى.

ھېيت نامىزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەسچىت سەينەسىدا شادىيانە مۇزىكا ياڭرىدى، جامائەت ساما سالدى. مەسچىت يەنە مەسچىت ئاشخانىسىدا غېرىپ، تەنھا ياشانغانلارغا تاماق بەردى، كىشىلەر ئايەم شادلىقىغا چۆمدى.

شىنجاڭدا روزا ھېيت ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇھىم بايرىمىدۇر. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ھېيت كۈنى ياڭخاڭ مەسچىتىگە ھېيت نامىزىغا كەلگەنلەر 10 مىڭغا يەتكەن. ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە، ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئۇرۇغ-تۇغقانلار، دوست-يارەنلەر ئۆزئارا ھېيتلىشىدۇ، مەرھۇملارنىڭ ئۆيىنى پەتىلەيدۇ. شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھېيت كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئاپتوبۇس ئاجراتقان بولۇپ، جامائەت بۇنىڭدىن كۆپ رازى بولغان.

(يۈسۈف جەۋاد ما لىچياڭ، يونۇس گو يۇڭبو خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر