باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى رەھبەرلىرى رامىزان ئېيىدا قەشقەردىكى مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-28   

2016-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن ”توغرا ئېتىقادنى جارى قىلدۇرۇش، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇش“ ئىسلام دىنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئىبراھىم خوڭ چاڭيو، ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر دىنى زات جۈمە تاھىر داموللام، ھارۇنخان ھاجىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى.

جۈمە تاھىر داموللام ۋە ھارۇنخان ھاجى دۆلىتىمىزدىكى مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر دىنى زات بولۇپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئىسلام دىنى شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتناشقان ۋە ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، ۋەتەننى سۆيۈش ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، دىنى ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دىنى ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ سەپسەتىلىرىگە قاتتىق رەددىيە بېرىپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان ھەمدە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىدى.

(رامىزان مىن جۈنچىڭ، يۇنۇس گو يوڭبو خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا  ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر