باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

توغرا ئېتىقادنى جارى قىلدۇرۇش، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇش ئىسلام دىنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-21   

2016-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قەشقەردە ”توغرا ئېتىقادنى جارى قىلدۇرۇش، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇش“ ئىسلام دىنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. يىغىن مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇرھاللىق روھىنى پائال تەشۋىق قىلدى، دىنى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بەردى، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنى توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا ئىش-ھەرىكەتتە بولۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ھەسسىسىنى قوشۇشقا يېتەكلىدى.

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتوڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مەمتىمىن بەكرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماجىن، مۇئاۋىن باشلىقى كۇاڭ شېڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم خۇڭ چاڭيو، ئادىل ھاجى كېرىم، سۇلايمان ليۇ كېجې، سىددىق مۇ كېفا قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماجىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم يېغىن خۇلاسە سۆزى قىلدى. جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، داڭلىق دىنى زاتلار ۋە مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەردىكى ئالىم، تەتقىقاتچىلار بولۇپ 60 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.

جاڭ يەنتوڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ”توغرا ئېتىقادنى جارى قىلدۇرۇش، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇش“نى ئاساسلىق تېما قىلىنىپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇرھاللىق روھىنى تەشۋىق قىلىش، دىنى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىش، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنى توغرا ئېتىقاد، توغرا ئىش-ھەرىكەتتە بولۇشقا يېتەكلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەدبىر بىلەن تەمىن ئېتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 1-ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم. يېڭى تارىخى دەۋردە ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ياخشى شەرھلىشى ۋە جارى قىلدۇرۇشى، ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن دىننى سۆيۈشنى، دىنى ئېتىقاد بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنى ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلىشى لازىم. 2-قانۇن بىلەن شەرىئەت مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىش لازىم. كەڭ ئىسلام ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىسى دۆلەتنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىش بىلەن دىنى ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىپ، كۆپچىلىكنى ياخشى پۇقرا، ياخشى مۇسۇلمان بولۇشقا يېتەكلىشى، ئاڭلىق ھالدا دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە زامانىۋىلىق ئېڭى تۇرغۇزۇشى، ئاڭلىق ھالدا قانۇن رۇخسەت قىلغان دائىرىدە پائالىيەت قىلىشى لازىم. 3-ئىسلام دىنى تەلىماتلىرىنى توغرا شەرھلەش لازىم. ئىسلام دىنىڭ باراۋەرلىك، دوستانىلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىش ئىدىيەسىنى قېزىپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنى ئوخشاشلىقنى قوبۇل قىلىپ ئوخشىماسلىققا ھۆرمەت قىلىشقا، باشقىلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا يېتەكلىشى، دىن ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىق بىلەن بىرگە مۇسۇلمان ئەمەسلەر بىلەنمۇ ئىتتىپاق ئۆتۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق، ئىناق ياخشى ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغدىشى لازىم. 4-ئىسلام دىنى ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچىلىشىش يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىش يولىدا مېڭىش لازىم. شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىسلام دىنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى ئاكتىپ ئىدىيەلەرنى چوڭقۇر قېزىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەمدە جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىسلام دىنى ئىدىيە سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنى جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىسلام دىنى ئىلغار مەدەنىيىتىگە چۆمۈلدۈرۈش لازىم.

يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دىنى ئەسەبىي ئىدىيە شىنجاڭ ۋە باشقا جايلارغا سىڭىپ كىرىپ تارقىلىپ، زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىغا ئايلاندى، بولۇپمۇ ”ئۈچ خىل كۈچ“ دىنى تونغا ئورىنىۋېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتلىرىنى بۇرمىلاپ، ”ھىجرەت قىلىش“، ”جىھاد قىلىپ ئۆلسە جەننەتكە كىرىدۇ“، ”تەكفىرچىلىك“ قاتارلىق ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تارقىتىپ، شىنجاڭ چېگرا رايونىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ئىسلام بىلىملىرىنى بىلىپ كەتمەيدىغان ياشلاردا سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈشىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزۇشىغا، ھەتتا دۆلەتنى پارچىلاشتىن ئىبارەت جىنايى قىلمىشنى سادىر قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.

يىغىنغا قاتناشقان دىنى زاتلار، ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى توغرا شەرھلەش، ”ئۈچ خىل كۈچ“نىڭ ئىسلام دىنىنى دەستەك قىلىپ ئۆزىنىڭ خۇپىيانە مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېچىپ تاشلاپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا، ئاڭلىق ھالدا ئەسەبىيلىكنى چەكلەشكە، زوراۋان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىسلام دىنى خىزمىتىنى بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ دىنى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم ۋە زۆرۈر.

يىغىن قاتناشچىلىرى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتىن نەقىل ئېلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ سەپسەتىلەرگە رەددىيە بەردى، توغرا شەرھلەش ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا، قانۇن بىلەن شەرىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش ۋە توغرا ھەل قىلىشقا، دىنى ساھەدىكى زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئامما دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈنلىكى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، ئاڭلىق ھالدا قانۇن يول قويغان دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى. ئىسلام دىنى تەلىماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ”جىھاد“ ”چوڭ جىھاد“، ”كىچىك جىھاد“قا بۆلۈنىدۇ، چوڭ جىھاد ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسى بىلەن كۈرەش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، كىچىك جىھاد دىنى ئەمەل-ئىبادەتنى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى ۋە ھاياتى، مال-مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇداپىئە كۈرىشى بولۇپ، ئۇنى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن جەڭ قىلىش دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولمايدۇ، ”مۇقەددەس ئۇرۇش“ ئارقىلىق ”كاپىرنى ئۆلتۈرسە جەننەتكە كىرىدۇ“ دەپ تار مەنىدە چۈشىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. ”ھىجرەت“نىڭ مەنىۋى ھىجرەت ۋە جىسمانىي ھىجرەتتىن ئىبارەت ئىككى قاتلىمى بولىدۇ. مەنىۋى ھىجرەت قەلبنى پاكلاش، روھنى پاكلاش بولۇپ، ئۇنى ھەر ۋاقىت قىلغىلى بولىدۇ. جىسمانىي ھىجرەت مۇئەييەن شارائىتقا موھتاج بولىدۇ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”مەككىنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن ھىجرەت يوق“. شۇڭلاشقا ھاياتى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولغان ئەھۋالدا مۇسۇلمانلار يۇرتىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلسا بولمايدۇ.

يىغىن قاتناشچىلىرى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز دىنى ئېتىقاد ئەركىن بولغان دۆلەت، پۇقرالارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن قوغدايدۇ. بىز قۇرئان كەرىمنىڭ تەلىماتىغا ئاساسەن ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرگە بويسۇنۇشىمىز، ئىسلام دىنىنىڭ باراۋەرلىك، دوستانىلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىش ئىدىيەسىنى قېزىپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەپۇچان بولۇپ، باشقىلارنى تەكفىر قىلماسلىققا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە، دۆلىتىمىزنىڭ تىنچ ، ئىتتىپاق، ئىناق ياخشى ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغداشقا يېتەكلەش لازىم.

 يىغىن قاتناشچىلىرى مۇنۇلارنى ئىپادىلىدى: بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچقۇچ قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، ئوتتۇرھاللىق، ئىناقلىق، ئەپۇچانلىق، مېھرىبانلىق، تىنچلىق ۋە دوستانىلىك، تەكفىرچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا دىنى ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنى دىنى تەلىماتلارنى توغرا چۈشىنىشكە ئاكتىپ يېتەكلەپ، توغرا ئېتىقادنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپىمىزنى قوشىمىز.

(جەۋادىدىن ما لىچياڭ، رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر