باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-20   

جەمئىيىتىمىز جۇڭگودىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك ۋەتەنپەرۋەر دىنى تەشكىلاتى بولۇپ، ئاساسلىقى دىنى ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش، دىنى خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنى كىتابلارنى تەھرىرلەش، خەلقئارالىق دوستانە ئالاقە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە ئىشخانا، دىنى ئىشلار بۆلۈمى، خەلقئارا بۆلۈم، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش ئىشخانىسى، ھەج ئىشلىرى ئىشخانىسى، ئىسلام مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بۆلۈمى، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى، تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق كەسپى خىزمەت بۆلۈملىرى تەسىس قىلىنغان. خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىدىن 3 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ، كونكرېت تەلەپلىرى تۆۋەندىكىچە:

1- خەنزۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغانلار 2 نەپەر، مۇسۇلمان بولۇشى، ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى لازىم. ماگىستىر ئاسپىرانت 27 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى (1989-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك)، دوكتور ئاسپىرانت 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى (1981-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك)، بېيجىڭ نوپۇسى بولۇشى، بىرقەدەر ياخشى يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى  لازىم.

2- كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغانلار 1 نەپەر، مۇسۇلمان بولۇشى، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى(1993-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك)، ئۇيغۇر تىلى ۋە تور بېكەت ئاسراشنى پۇختا بىلىدىغانلارغا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 24:00تە ئاخىرلىشىدۇ (جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تورىنىڭ ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ)

ئالاقىلىشىش ئادرېسى: بېيجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇ رايونى نەنخېڭ شىجې كوچىسى 103-نومۇر

(北京市宣武区南横西街103号)

پوچتا نومۇرى: 100053

ئالاقىلەشكۈچىلەر:   جاۋ جۈن(赵军)        010-59313032         13681588373

                  ما گۇيروڭ(马桂荣)      010-59313031        13621127246

فاكس:           59313100  

خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلخەت ئادرېسى:    Mgrong-2015@163.com        

                      2016-يىل6-ئاينىڭ 16-كۈنى

 

يەنە >>سۈرەتلەر