باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

47-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ۋە سۆھبەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-24   

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 47-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، بەدرىددىن گو چېڭجىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ئەھۋالى ھەمدە ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتىكى تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، ئىسلام دىنى ئەنئەنىسىدىكى ئېسىل ئامىللارنى قانداق قېزىش، ئەسەبىي ئىدىيەنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك يوقىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا دىنى زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

ئادىل ھاجى كېرىم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئەھۋالى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قانات يايدۇرۇۋاتقان شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى، ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قىلغان خىزمەتلەرنى تونۇشتۇردى.

 

(مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئادىل ھاجى كېرىم)

يەنە >>سۈرەتلەر