باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبى شىنجاڭ تۆت ۋىلايەت-ئوبلاست تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-24   

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، جەنۇبى شىنجاڭ تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستىكى مەسچىتلەرنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ مەسئۇللىرى كۇرسىنىڭ مۇنەۋۋەر كۇرسانتلىرى ئىچكىرنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئۆمىكىدىكى 33 نەپەر كۇرسانت جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا ئادىل ھاجى كېرىم ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەرگە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۇلار بىلەن شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، قانداق قىلغاندا مۇسۇلمانلارنى توغرا ئېتىقادتا بولۇشقا ۋە توغرا ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى. سۆھبەت يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ كۆرگەزمىخانىسى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇلۋاھھاب سۇڭ ئېنلىن يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 

(مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئادىل ھاجى كېرىم)

يەنە >>سۈرەتلەر