باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىرغىزىستان باش مۇفتىسى ئۆمەك باشلاپ جۇڭگونى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-24   

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مۇفتىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى مەقسەتبېك توختىمۇش جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 4 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگونى زىيارەت قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگودىكى مەزگىلىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولدى ھەمدە جۇڭگونىڭ دىنىي سىياسىتى، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ۋە مۇسۇلمان ئاممىسى بىلەن پىكىرلەشتى.

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر ئۆمىكى دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەننى زىيارەت قىلدى، ئىككى تەرەپ سەمىمىي ۋە دوستانە كەيپىياتتا سۆھبەتلەشتى. ۋاڭ زوئەن مېھمانلارغا جۇڭگونىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە ھەرقايسى دىنلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو-قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدە ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ تارقىلىشىنى قەتئىي چەكلەش ۋە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى تەكىتلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىدى. مەقسەتبېك توختىمۇش مۇنۇلارنى ئىپادىلىدى: ”قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو دوستانە قوشنا دۆلەت، ئىككى دۆلەت تارىختىن بۇيان دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزئارا ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان، قىرغىزىستان ئىسلام دىنى ساھەسىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىشنى خالايدۇ“.

5-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو ۋە ئادىل ھاجى كېرىملەر ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ، ئىككى تەرەپ دوستانە كەيپىيات ئىچىدە سۆھبەتلەشتى. بەدرىددىن گو چېڭجىن مېھمانلارغا جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ فۇنكسىيەسى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قانات يايدۇرۇۋاتقان ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەر ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى. مەقسەتبېك توختىمۇش بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ قىرغىزىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا 2015-يىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغانلىقىغا جاۋابەن، قىرغىزىستان-جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى قېرىنداشلارچە دوستلۇق رىشتىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ بۇ دوستلۇقنى داۋاملىق ساقلاشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ” قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ھەنەفىي فىقھە مەزھىپىگە ئەگىشىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ ناھايىتى ئوخشىشىدۇ، ئىككى دۆلەت تارىختىن بۇيان ئىقتىساد، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشى قويۇق، بىر-بىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۆگىنىشىمۇ بىر قەدەر كۆپ، ھەمكارلىق ساھەسى نىسبەتەن كەڭ، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك دوستانە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن“.

جۇڭگودىكى زىيارەت داۋامىدا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يەنە شاڭخەي شەھەرلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىنخۇا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ جۇڭشىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇختارلار قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مېھمانلارغا شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، سىرتقى سودىنى ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتى، ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى ۋە دىنى تۇرمۇشىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

باش مۇفتىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد ئۆمەر، قىرغىزىستان ئوش شەھىرىنىڭ مۇفتىسى ئوبەيدۇللا، قىرغىزىستانلىق تۇڭگان ئىمام ئۆمەر ئاخۇن قاتارلىقلار مەقسەتبېك توختىمۇشقا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگونى زىيارەت قىلدى.

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن، تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جيەنجېڭ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەيسا گاۋ جەنفۇ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇسا چېن يۈلۇڭ، شاڭخەي شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جىن خۇڭۋېي، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى جۇ ۋېن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى كېرەم ئابلىز قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

(ئابدۇلھېكىم ماجىيې خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئادىل ھاجى كېرىم)

يەنە >>سۈرەتلەر