باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى 2016-قارارلىق ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار سىنىپى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-19   

 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭدا ئېكسكۇرسىيە ۋە پىراكتىكا قىلىۋاتقان شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى 2016-قارارلىق ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار سىنىپى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ بەدرىددىن گو چېڭجېن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا بەدرىددىن گو چېڭجېن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خەلقئارادىكى ئىسلام دىنىنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئۇلاردىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆگىنىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز داموللام بەدرىددىن گوچېڭجېن ۋە ئادىل ھاجى كېرىملەرنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغىنىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى ئېكسكۇرسىيە ۋە پىراكتىكا مەزگىلىدىكى تەسىراتىنى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلانلىرىنى سۆزلىدى. سۆھبەت يىغىنىغا ئادىل ھاجى كېرىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ قارارلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش سىنىپىدا جەمئىي 76 نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇلار 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭغا كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىملىق ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇلار يەنە بېيجىڭ ۋە تيەنجىندىكى تارىخى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ياڭيى شەنجۇاڭ تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى.

(مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئادىل ھاجى كېرىم)

يەنە >>سۈرەتلەر