باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-18   

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 5-قەۋەت يىغىن زالىدا « سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىش» سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 4-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دەي چېنجىڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەبىل ما جۇڭپىڭ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇلۋاھھاب سۇڭ ئېنلىن ھەمدە جايلاردىكى ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 4-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دەي چېنجىڭ سۆز قىلىپ دىنىي مەكتەپلەرنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانداق يېتىلدۈرۈش ۋە تەتبىقلاش توغرىسىدا تۆۋەندىكى بەش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، دىنىي مەكتەپلەرنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانداق يېتىلدۈرۈش ۋە تەتبىقلاشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش؛ ئىككىنچى، دۆلىتىمىز ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل مەزمۇنلىرىنى قېزىپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى بېيىتىشتا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇش؛ ئۈچىنچى، دىنىي مەكتەپلەرنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەتبىقلاشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ تۆتىنچى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇتۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، سىنىپلارغا ئېلىپ كىرىش، ئوقۇغۇچىلارغا يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مەزمۇنىنى تەشۋىق قىلىش؛ بەشىنچى، دىنىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىشتا تەشكىلى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش.

سۆھبەت يىغىنىدا شېنياڭ، كۈنمىڭ، جېڭجۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، خېبېي قاتارلىق ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى جەھەتتە قوللانغان ھەرخىل ئۇسۇللار ھەمدە قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈملەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. يىغىن ئاخىرىدا، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەبىل ما جۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە قېرىنداش ئىنستىتۇتلار بىلەن بىرگە بۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ دەرسلىرى بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ، شۇنداقلا «12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىسلام ئىنستىتۇتلىرى ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى»دىكى ئېسىل ۋەز-تەبلىغلەرنى توپلاپ نەشر قىلىپ تارقىتىپ، ئىسلام ئىنستىتۇتلىرى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى قىلىدۇ“. سۆھبەت يىغىنىغا جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇلۋاھھاب سۇڭ ئېنلىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

(لوقمان مۇ ۋېيبىن خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئادىل ھاجى كېرىم) 

يەنە >>سۈرەتلەر