باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادىل ھاجى كېرىم فىرانسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەمۇرىي مەسلىھەتچىسى (كونسۇلى) بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-18   

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم زىيارەتكە كەلگەن فىرانسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەمۇرىي مەسلىھەتچىسى (كونسۇلى) بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ دوستانە سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئادىل ھاجى كېرىم مېھمانغا جۇڭگونىڭ دىنى سىياسىتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ فۇنكسىيەسى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، مېھماننىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج، مائارىپ، دىنى زاتلارنى تەربىيەلەش، ئەسەبىيلىكنى تۆگىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. فىرانسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەمۇرىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسلىھەتچىسى لېلاڭرۇ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

(ئابدۇلھېكىم ما جىې خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئادىل ھاجى كېرىم)

يەنە >>سۈرەتلەر