باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-15   

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق چوڭ سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مەركىزى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىتا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن خاتىرىلەش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى.

ۋاڭ زوئەن مۇنداق دېدى: ”60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى، سىياسىي ئىدىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، دىنىي ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى قورۇلۇشى جەھەتتە دىنىي كەسپى دەرسلىك، ئاساسلىق دەرسلىكلەر ۋە چەتئەل تىلى دەرسلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ يۈرۈشلۈك جەمئىي 15 پارچە كىتاب تۈزۈپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى مائارىپىدا بىر تۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىك بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى، مەملىكەتتىكى دىنىي ئىنستىتۇتلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، بۇ ئالاھىدە تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ. 1980-يىلى ئوقۇتۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، 1500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈردى، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئىسلام تەشكىلاتلىرى، مەسچىتلەر ۋە ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ تايانچى خادىملىرىغا ئايلاندى. جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىدا ئەڭ مۇھىم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىغا ئايلىنىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى“.

ۋاڭ زوئەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ”جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنىنى قوزغاش ھەمدە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش جەھەتتە كۈچلۈك مۇسبەت ئېنېرگىيەسى توپلاش لازىم. بىرىنچى، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆلىنىشىدە باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرۇش لازىم. ۋەتەننى سۆيىدىغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، دىنىي بىلىمى بار، دىنىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىرادىسىگە ئىگە ھەمدە ئېتىقادچى ئامما بىلەن ئالاقە باغلىيالايدىغان دىنىي كەسپى خادىملار قوشۇنىنى تىرىشىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش لازىم. ئىككىنچى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ زىيان سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ھوشيارلىقنى ساقلاپ، مۇستەھكەم سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى ۋە كىرىزىس ئېڭى يېتىلدۈرۈش، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئېڭى ۋە دىنىي پەرقلەندۈرۈش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگولىشىش يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ ئىسلام دىنى شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش لازىم. جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەتقىقات بازىسى بولۇپلا قالماي، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم مەيدان بولۇشى لازىم. ئۈچىنچى، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى دىنىي مەكتەپلەر ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، سۈپەتلىك مەكتەپ باشقۇرۇشنى قىبلىنامە قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلەپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەتقىقات ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم“.

ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن سۆزىدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىچە تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، دەرسلىك تۈزۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش، ئۇنۋان بېرىش ۋە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن پەخىرلىنەرلىك نەتىجىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”ئۆتمۈشكە قارايدىغان بولساق چىن كۆڭلىمىزدىن خۇشاللىنىمىز. بىز 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە شەرەپلەردىن پەخىرلىنىمىز، بىراق ئەستايىدىللىق بىلەن قانداق قىلىپ يېڭى كۈيلەرنى ياڭرىتىش ھەققىدە ئويلىنىشقا تېخىمۇ موھتاجمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا ’سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق جەھەتتە ئاۋامنى قايىل قىلالايدىغان، ھالقىلىق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئۆلچەم بويىچە دىنىي ساھەنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى قۇرۇشىنى قوللاش لازىم‘ دەپ كۆرسەتتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بۇ روھنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەۋر يۆلىنىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگولىشىش يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇشى، سوتسىيالىستىك يادرو قىممەت قارىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىشى، ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تىرىشىپ بىرلەشتۈرۈشى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ماسلاشتۇرۇشى لازىم. ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش، تىنچلىق ۋە ئەپۇچانلىق ئىدىيەسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىشى، ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئىسلام دىنى تەلىماتلىرىدىكى جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە دەۋر تەرەققىياتىغا پايدىلىق مەزمۇنلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى تاۋلىشى، ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى تىرىشىپ قېزىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى سۆيۈشكە، خەلقنى سۆيۈشكە، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ چوڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا، دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇنغا ئاساسەن باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشقا، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا بويسۇنۇشقا يېتەكلەش لازىم. جۇڭگو ئىسلام مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، كەلگۈسىدە ئەڭ تېز سۈرئەتتە شىنجاڭ سىنىپى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەر ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش لازىم. ئىنستىتۇت بەلگىلىگەن «ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانى»غا ئاساسەن ماگىستىر ئاسپىرانتى ۋە دوكتور ئاسپىرانتى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنى يۇقىرى قاتلاملىق ۋەتەنپەرۋەر ئىسلام دىنى خادىملىرىنى تەربىيەلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. ئىلگىرىكى كۆپ قاتلاملىق مەكتەپ باشقۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قېلىپلاشقان شەكىلدە دىنىي زاتلار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئىنستىتۇتنى ئىسلام دىنى كەسپى خادىملىرىنى تەربىيەلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. ئىلمىي كەيپىيات يارىتىپ، دىنىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ يېڭى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، ئىناقلىق، ئەپۇچانلىق ئىدىيەلىرى ھەققىدىكى يېڭى كۆزقاراشلارنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەمدە تېخىمۇ ياخشى شەرھلەپ، ئىنستىتۇتنى ئىسلام دىنى ئىدىيەسىدىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرۇش، ئىسلام دىنى بىلەن جۇڭگو ئالاھىدىلىكىگە ئىگە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىشقا ئومۇميۈزلۈك يېتەكلەش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىن ئېتىش لازىم“.

تەبرىكلەش يىغىنىدا جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ۋەكىلى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئانا مەكتەپنى مەدھىيەلىدى، ئانا مەكتەپنى تەبرىكلىدى.

مەركىزى بىرلىك سەپ بۆلۈمى 2-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما لىخۇەي، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ئىشخانا مۇدىرى چېن خۇڭشىڭ، 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن، 4-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دەي چېنجىڭ، مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇڭ گوچىڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى. گۇيجۇدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم خۇڭ چاڭيۇ، قېرىنداش مەكتەپلەر ھەمدە بىر قىسىم مەكتەپداشلار تەبرىك خېتى ۋە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم خاتىرىلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

خاتىرىلەش يىغىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يەنە 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىسلام ئىنستىتۇتلىرى «ۋەز-تەبلىغ» مۇسابىقىسى، سوتسىيالىستىك يادرو قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىش سۆھبەت يىغىنى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى كونا مەكتەپداشلار ۋە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

(رامىزان مىن جۈنچىڭ، يۇنۇس گو يۇڭبو خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئادىل ھاجى كېرىم)

يەنە >>سۈرەتلەر