باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىسلام ئىنستىتۇتلىرى ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-13   

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىسلام ئىنستىتۇتلىرى ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 9 ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن 3 نەپەر قىز ماھىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 نەپەر مۇنەۋۋەر ماھىر بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى. كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق لەنجۇ ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن ما يۈلوڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، چىڭخەي ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن لى جۈن، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن مەي يانەن ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، جېڭجۇ ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن خۇاڭ يىلېي، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن نۇر ئەھمەت، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن جاڭ يۈشېڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تۆتىنچى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جۇڭخەي، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەبىل ما جۇڭپىڭ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەيسا گاۋ جەنفۇ، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز، كۈنمىڭ، نىڭشيا، جېڭجۇ، چىڭخەي، لەنجۇ، شېنياڭ، خېبېي ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ماھىرلار، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بارلىق خىزمەتچى خادىملىرى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە بېيجىڭدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان ئاممىسى ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ”بۇ قېتىملىق ئىنستىتۇتلار ئارا ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىنىڭ مەقسىتى: مەملىكەتتىكى ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يولى ۋە تەقۋادارلىق، ئىتتىپاقلىق، تىنچلىق، ئەپۇچانلىق، دوستانىلىق ھەمدە سەمىمىيلىك قاتارلىق ئاساسلىق ھەقىقىتىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مەملىكەتتىكى ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىغا ئېلىپ كىرىشنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشەببۇس قىلىش، ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى ۋە ئەھكاملىرىنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەش، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال ئىدىيەسىنى تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىش، بايرىقى روشەن ھالدا ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇش، ئاۋام خەلقكە ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت“. ئۇ مەملىكەتتىكى ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مەكتەپتىكى ۋاقتىدا شەرىئەت بىلىملىرىنى، ۋەز-تەبلىغ ئۇسلۇبلىرىنى ۋە شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش قائىدىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشىنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنى توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا ھەرىكەتتە بولۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تۆتىنچى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جۇڭخەي يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جايلاردىكى ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىدىن بۇ قېتىملىق ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى سىنىپلارغا ئېلىپ كىرىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىق، تىنچلىق ۋە ئەپۇچانلىق ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تۆتىنچى مەھكىمىسى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى باشقۇرغان، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇسابىقە ”ئوتتۇرھاللىق، ئىتتىپاقلىق، دوستانىلىق ۋە سەمىمىيلىك“نى ئاساس تېما، ”سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىش“نى ئاساسى مەقسەت قىلىنغان.

(ياڭ خۇييىڭ خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

er
يەنە >>سۈرەتلەر