باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى 11-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-06   

2016-يىلى4-ئاينىڭ 29-كۈنى جۈمە كۈنى جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى 11- نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2-قەۋەت يىغىن زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەبىل ما جۇڭپىڭ ھەمدە ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتى.

بۇ قېتىملىق ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە 11 نەپەر ماھىر قاتناشقان بولۇپ، كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى جاڭ يۈشېڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى تاڭ جەنيۈن ۋە 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەي يانەن ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى يۈ جىچاۋ، 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى شۈ فۇياۋ ۋە 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ لوڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بارلىق ماھىرلار قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپچان بولۇش، سەمىمىي بولۇش، دوستانە بولۇش قاتارلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىكى كىشىلىك ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك شەرھلەش ئېلىپ باردى.

(ھۈسەين جاڭ ۋېنۋېي خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر