باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگودا مەۋلۇت» مەخسۇس پىروگراممىسى توردا رەسمىي تارقىتىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-28   

ئەلھەمدۇلىللاھ! جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى پىلانلىغان ۋە ئىشلىگەن «جۇڭگودا مەۋلۇت» مەخسۇس پىروگراممىسىنىڭ ئاخىرقى ئىشلىرى تاماملىنىپ توردا رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ مەخسۇس پىروگرامما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش، مەۋلۇت شەرىفتىن تەرمىلەر، مەۋلۇت پائالىيىتى، مەۋلۇت پائالىيىتى سۈرەتلىرى، مەۋلۇت پائالىيىتى ئۈن، سىنلىرى قاتارلىق  سەھىپە، مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەۋلۇت شەرىفنىڭ جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتىنىڭ شىنجاڭ، نىڭشيا، گەنسۇ، شەنشى، يۈننەن، سىچۈەن، تيەنجىن، خېبېي، خېنەن، خەينەن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەر، رايونلارغا بېرىپ سۈرەتكە ئالغان، جەمئىي 13 مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلگەن مەۋلۇت پائالىيىتى فىلىمى بار. بۇ مەخسۇس پىروگراممىدا ئەنئەنە ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇرئان تىلاۋىتى ۋە قەسىدىلەرنىڭ قىممەتلىك خاتىرىسى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە 20 نەچچە مەسچىتنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى ۋە بېزەكچىلىك سەنئىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەت، سىن توپلىمى بار.

بۇ پىروگراممىنى ئىشلەش ۋە ئېلان قىلىشتىن مەقسەت، يېڭى مېديا ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ، رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە رېئاللىقنى خاتىرىلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەۋلۇت شەرىف پائالىيىتىدىكى ئېتىقاد، ئەخلاق، مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ئېتىقادنى پاكلاش، ئەخلاقنى ياخشىلاش، مەدەنىيەتلىك بولۇشتەك مەنىۋى روھىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيانقى دىن مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنى قوغداش ھەم ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت.

بۇ پىروگراممىنىڭ ئىشلىنىشى، يېڭى مېديا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى تارقىتىشتىكى بىر قېتىملىق سىناقتۇر، شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش يولىدىكى بىر سىناقتۇر. بۇنىڭغا دىققەت قىلغايسىلەر، كۆرۈپ بەھرىلەنگەيسىلەر.

ئىزاھات: بۇ مەخسۇس سەھىپىنى تورىمىزنىڭ باش بەت «جۇڭگودا مەۋلۇت» كۆزنىكىدىن بىۋاسىتە كىرىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. ياكى بۇ مەخسۇس سەھىپە ئادرېسىمىز ئارقىلىق كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ:

http://uyghur.chinaislam.net.cn/cms/zt/sjchina/ 

(جەۋادىدىن ما لىچياڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر