باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان مۇسۇلمان ۋەكىللەرنىڭ يىغىن تەسىراتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-24   

3-ئايدا ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىنغا پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلدى، مەملىكەتتىكى پۈتكۈل خەلق يېڭى سىياسەتكە تەقەززا بولدى.  پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىدۇ دېگىنىمىزدە، مەزكۇر ئىككى يىغىن دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدۇ. پۈتكۈل خەلق تەقەززا بولدى دېگىنىمىزدە، بۇ ئىككى يىغىندا خەلق تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. باھارنىڭ ئىللىق  شامىلى بىلەن بىللە خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ھەر قايسى ۋەكىللەر ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش دېگەندەك مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلىدۇ. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان مۇسۇلمان ۋەكىللەر قانداق قانداق تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىلدى؟ ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى بۇنىڭدىن چوڭ ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

دىنىي ساھەگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈش كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ

گوۋۇيۈەننىڭ بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا لى كېچىياڭ زۇڭلى ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاشلا دىنىي خىزمەتلەر ھەققىدە ئايرىم بىر بۆلەك سۆز قىلدى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتىدا رەئىس يۈ جېڭشېڭ 10 جايدا” دىن“ ھەققىدە توختالدى ۋە تۇنجى قېتىم”دىنىي خەيرى ساخاۋەت“، ”دىنىي ساھەدە ياش، ئوتتۇرا ياش دىنىي ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش“،”مىللەت-دىن ۋەكىللىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى كۈچەيتىش“ ھەققىدە سۆزلىدى، شۇنداقلا 8 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوخشاش بىر يەردە بايان قىلدى. دىنىي ساھەگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈش مۇسۇلمان ۋەكىللەرگە ئىلھام بەردى ۋە سۆيۈندۈردى.     

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گەنسۇ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يەھيا ما ۋېنيۈن مۇنداق دېدى: ”باش شۇجى شى جىنپىڭ دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىغا ئاكتىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئېتىقادچى ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى، ئۇلارنىڭ توغرا دىنىي بىلىملەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قانۇنلۇق يوللارنى كەڭرەك ئېچىپ بېرىشنى ئېيتتى. بۇ ئىككى يىغىندىكى دوكلات باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن  ”دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش“ روھىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. بۇلارنى ئاڭلاپ ناھايىتى روھلاندۇق ھەم قوللىدۇق، بۇ يوليورۇق بىز دىنىي زاتلار بىلەن ئېتىقادچى ئاممىنىڭ قەلبىنى ئۆزئارا باغلايدۇ“.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ مۇنداق دېدى: ”بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا مىللەت، دىن خىزمىتى مەخسۇس تىلغا ئېلىندى. بۇلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ساھەدىكى زاتلارنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ“.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەنخۇي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سىددىق مۇكېفا مۇنداق دېدى: ”ئىككى يىغىندا بېرىلگەن دوكلات دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەنلا قالماي، مەركەزنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتىگىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. زۇڭلى لى كېچىياڭ خىزمەت دوكلاتىدا مىللەت، دىن خىزمىتىگە ئائىت ئىككى بۆلەك سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈ جېڭشېڭمۇ سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا  دىننى 16قېتىم تىلغا ئالدى. مانا بۇلار مەركەزنىڭ مىللىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر، دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ“.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەندۇڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوسمان ۋاڭ شۇلى مۇنداق دېدى: ”ئىككى يىغىندا بېرىلگەن دوكلاتتىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. رەھبەرلەرنىڭ كۈچلۈك، جاراڭلىق سۆزلىرىدىن دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنىڭ تىۋىشىنى تۇيغىلى بولىدۇ“.

 مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بەكرى مامۇت مۇنداق دېدى: ”ئىككى يىغىندا بېرىلگەن دوكلاتتا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇش دېگەندەك خەلققە پايدىلىق سىياسەتلەر تىلغا ئېلىندى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا گەرچە قىيىنچىلىقلار، خىرىسلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىشىنىمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارمۇ جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى توسۇپ قالالمايدۇ. دۆلىتىمىز چوقۇم 13-بەش يىللىق پىلاننى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئورۇنلاپ بولىدۇ“.

 

ۋەكىللەر سىياسەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى

 

ھەممەيلەن بىرلىكتە ئىجابىي كۈچىنى چىقىرىش، دېموكراتىك ئورتاق پاراسەتنى جارى قىلدۇرۇش، سىياسەتكە ئاكتىپ قاتنىشىش سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. بۇ قېتىملىق ئىككى يىغىندا مۇسۇلمان ۋەكىللەر قانداق تەكلىپ- پىكىرلەرنى بەردى؟

ۋەكىل يەھيا ما ۋېنيۈننىڭ دېيىشىچە، ئۇ گەنسۇدىكى مىللىي رايونلارغا نەق ياردەم بېرىشنى، خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چۆرىدىگەن ئاساستا،  ئىشقا ئورۇنلىشىش كۇرسلىرى ئېچىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، مىللەتلەر-دىن سىياسىتى،  قانۇن-نىزام تەشۋىقاتى ھەمدە چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق 11 تۈرلۈك تەكلىپ-پىكىر بەرگەن. ئۇ:” نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىيىن نۇقتىسى مىللىي رايونلاردا. بۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلىش، مىللىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك“ دېدى.

ۋەكىل ھەسەن ياڭ فامىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ نىڭشيادا جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ھەققىدە داۋاملىق تەكلىپ بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي باسقۇچقا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئەركىن بازار رايونى قۇرۇش بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلاننىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىدىكەن. ئۇ تەكىتلەپ: ”بۇ قۇرۇلۇش نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلدى“ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ «دىن ئىشلىرى نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ھالال يېمەكلىكلەر ھەققىدە قانۇن تۇرغۇزۇش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق پىلانلاش قەدىمىنى تېزلىتىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، شەھەرلىشىش ۋە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشى جەريانىدا شەھەرلەردىكى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىمۇ شەھەر پىلانلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.

ۋەكىل سىددىق مۇ كېفانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىككى يىغىندا ھالال يېمەكلىكلەر ھەققىدە تېزرەك قانۇن چىقىرىش تەكلىپى بېرىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھالال يېمەكلىكلەر قانۇنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپ ئورتاق تونۇشقا كېلىشى، بولۇپمۇ سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇسۇلمان ۋەكىللىرى ئىككى يىغىن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ساداسىنى ئاڭلىتىپ، ھالال يېمەكلىكلەر قانۇنى چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلىشى كېرەك. بۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولۇپلا قالماي، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشى ئۈچۈنمۇ زۆرۈردۇر. يەنە كېلىپ، بۇ قانۇن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى داۋامىدا دۆلىتىمىزنىڭ ھالال يېمەكلىكلىرىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ۋەكىل ئوسمان ۋاڭ شۇلىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ مۇھىت مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. مەسىلەن، ھازىر نۇرغۇن شەھەرلەر ئەخلەت بىلەن قورشىلىپ بولدى. ئەگەر بۇلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغاندا خەلق تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇ مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىدا خەلققە تەربىيە بېرىش، ھەر بىر ئادەمدە مۇھىت ئاسرايدىغان، ھاۋانىڭ سۈپىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇ: ”بىز مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ، مۇھىتىمىزنىڭ پاكىز بولۇشىغا ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ياشاۋاتقان مۇھىتىمىزنى ئەسلىدىكى ساپ، تەبىئىي، گۈزەل ھالىتىگە قايتۇرۇشىمىز كېرەك“ دېدى.

بەكرى مامۇتنىڭ دېيىشىچە، ئۇ تۇرپاندا ئىسلام ئىنستىتۇتى ياكى ئىسلام مەكتىپى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ۋەتەنپەرۋەر ئىز باسارلارنى، تېخىمۇ كۆپ دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش تەكلىپى بەرگەن. شۇنداقلا، تۇرپاندا خەلقئارا تارىخ مۇزېيى قۇرۇپ، تۇرپاندىكى مۇھىم تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداپ، يىپەك يولى رايونىدا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، گەنسۇ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىڭ مۇدىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۇ قېتىم غەربىي شىمال رايونىدا خۇسۇسىي مەبلەغ توپلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئىچكىرىلەپ ھەل قىلىش، خەينەن ئۆلكىسىدە خەلقئارا ئىسلام مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇش، ھالال يېمەكلىكلەر قانۇنى تۇرغۇزۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش نازارەت قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇدا ئۈچ يىل ھالال يېمەكلىكلەر قانۇنى تۇرغۇزۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ خاتىرجەم غىزالىنىش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ ئىش. بۇ يىل يەنە باشقا 25 ۋەكىل بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ بۇ قانۇننى تېزرەك تۈزۈپ چىقىش تەكلىپىنى سۇندۇق.

دۆلەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش

 

2016-يىل «13-بەش يىللىق پىلان»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى باشلانغان يىلدۇر. كېلەچەك بىزنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارىتىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ. گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ھەر بىرىمىز ئەقىل-پاراسىتىمىزنى، كۈچىمىزنى بىر يەرگە جەم قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى دۆلەتنىڭ بۇ چوڭ ۋەزىيىتىدە ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؟ مۇسۇلمان ۋەكىللەر بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزدى.

ۋەكىل يەھيا ما ۋېنيۈن مۇنداق دەيدۇ: ”دۆلەت مۇسۇلمان ۋەكىللەرگە مۇھىم بىر مەيدان ھازىرلاپ بەردى، بۇ مەيداننى ياخشى قەدىرلەپ، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك“.   

ۋەكىل ھەسەن ياڭ فامىڭ مۇنداق دەيدۇ: ”سىياسىي كېڭەشنىڭ دىنىي ساھەدىكى بىر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېتىقادچى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قەددىنى رۇسلاشقا، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلىشىمىز،  «بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى» ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» پىلانىدا ئوينايدىغان رولىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك“. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ”ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ، بەندىنى ھۆرمەتلەش ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئەقىدىسىدۇر. مېھىر-مۇھەببەت ئىسلامنىڭ قىممەت قارىشىدۇر، دىنىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا بىر خىل ئىبادەتتۇر. شۇڭا ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ، پېقىرلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتە چوڭ رولى باردۇر“.

ۋەكىل سىددىق مۇ كېفا مۇنداق دەيدۇ: ”بۇ يىلقى ئىككى يىغىن بەكمۇ ئالاھىدە ئېچىلدى، «12-بەش يىللىق پىلان» تاماملىنىپ، «13-بەش يىللىق پىلان» باشلاندى، يىغىندا يەنە دۆلىتىمىزنىڭ «13-بەش يىللىق» تەرەققىيات پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. بۇ پىلان دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى چوقۇم بۇ پىلان مەزگىلىدىكى تەرەققىيات پۇرسىتىنى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى چوڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ پىلانغا قاتنىشىشى ھەمدە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك“.

ۋەكىل ئوسمان ۋاڭ شۇلى مۇنداق دېدى: ”«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ دۆلەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدىكى چوڭ پۇرسىتى بولۇپ قالغۇسى. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى كۆپىنچە مۇسۇلمانلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن ئۆتىدۇ، دائىرىسى كەڭ، شۇڭا ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئوينايدىغان رولىمۇ چوڭراق بولىدۇ“.

ئورتاق تونۇش كۆڭۈلنى مايىل قىلىدۇ، ئىتتىپاقلىق كۈچ ھاسىل قىلىدۇ. ئىككى يىغىنغا قاتناشقان مۇسۇلمان ۋەكىللەرنىڭ قەلب ساداسى جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسى، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى مەركەزگە يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىككى يىغىندا ئېچىلغان يېڭى سەھىپىلەر تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ ؛ ئىككى يىغىندا نامايان بولغان ئەقىل-پاراسەت تېخىمۇ جانلىنىدۇ.

(رامىزان مىن جۈنچىڭ، مۇھەممەد ئابدۇللا خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر