باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق ھەجگە تەشكىللەش، مۇلازىمەت خىزمىتى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى لەنجۇدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-01   

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە لەنجۇدا 2016-يىللىق ھەجگە تەشكىللەش، مۇلازىمەت خىزمىتى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى.

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن، خېنەن، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، خېبېي، سەنشى قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بۇ يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو ۋە دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گې ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، 2016-يىللىق ھەجگە تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان، مېھمانخانا، ئوپچە غىزالىنىش جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردىن دوكلات بەردى؛ 2016-يىللىق ھەجگە تەشكىللەش، مۇلازىمەت خىزمىتىگە قارىتا، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەجگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى تۈزۈملىرىگە ماسلىشىش جەھەتتە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ھەر قايسى ئۆلكىلىك ھەج خىزمىتى ئورۇنلىرىنىڭ بالدۇرراق تەييارلىق قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، قوللاپ بېرىشىنى، 2016-يىللىق ھەج خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.

يىغىندا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق قانال سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش جەھەتتىكى ئەھۋالى ۋە تەلەپلىرى تونۇشتۇرۇلدى، ئوپچە غىزالىنىش قاتارلىق خىزمەت جەھەتتە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن پىكىر ئېلىندى. كۆپچىلىك يىغىن تېمىلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، كەڭتاشا پىكىر بايان قىلىپ، ئۆز پاراسىتىنى نامايان قىلىپ، 2016-يىللىق ھەجگە تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئەقىل ۋە تەدبىر كۆرسەتتى.

(ئىبراھىم ما شيۇباڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

 

يەنە >>سۈرەتلەر