2016-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھەج خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھىسامىدىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن سۆز قىلدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈسۈف ما جىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى ۋە مىللەت-دىن ئىشلىرى، بىرلىك سەپ، جامائەت خەۋپسىزلىك، ساياھەت، سەھىيە، سودا-سانائەت، تاموژنا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ يۈزگە يېقىن ئادەم بۇ يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا 2015-يىللىق ھەج خىزمىتى خۇلاسىلەندى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى ھەمدە 2016-يىللىق ھەج خىزمىتى ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
شاۋكەت ئىمىن مەركەزنىڭ تەلىپىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىلقى ۋە كېيىنكى مەزگىلدىكى ھەج خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى. يۈسۈف ما جىن سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشلىگەن ھەج خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەھەتتە بەزى تەكلىپلەرنى بەردى. ئىلى، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
(ما يۈفېي خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)