باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى «جۇڭگودا مەۋلۇت» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتى غەلىبىلىك تاماملاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-25   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى پىلانلىغان «جۇڭگودا مەۋلۇت»فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتى 2016-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى قەدىمىي شەھەر شىئەندە غەلىبىلىك تاماملاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت 2015-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 3 ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى سىچۈەن، يۈننەن، تيەنجىن، خېبېي، خېنەن، نىڭشيا، گەنسۇ، شىنجاڭ، چىڭخەي، شەنشى قاتارلىق ئۆلكە (شەھەر، ئاپتونوم رايون)دا 13 مەسچىت-جامەدە ئۆتكۈزۈلگەن مەۋلۇت پائالىيىتىنى سۈرەتكە ئالدى، جايلارنىڭ ئەنئەنىسى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئائىت قىممەتلىك ۋىدىيو ماتېرىياللىرىنى توپلىدى ھەم خاتىرىلىدى، شۇنداقلا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە 20 دىن كۆپ مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بېزەكچىلىكىگە ئائىت ۋىدىيو، سۈرەت ماتېرىياللىرىنى توپلىدى.

سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى، بۇ بېكەتنىڭ ئۈن-سىن قانىلى  ۋە ئۈندىدار سۇپىسى (خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نۇسخىسى) ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جايلاردىكى مەۋلۇت پائالىيىتىگە دائىر 14 پارچە سۈرەتلىك خەۋەر، 13 پارچە ۋىدىيولۇق مەخسۇس خەۋەر، ھۆججەتلىك فىلىم، قەسىدە ۋە دۇئالارنى ئېلان قىلدى. يەنە بۇنىڭغا دائىر ھۆججەتلىك فىلىم ۋە قەسىدە قاتارلىق ۋىدىيولۇق پىروگراممىلار داۋاملىق ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى، بۇ بېكەتنىڭ ئۈن-سىن قانىلى ۋە ئۈندىدار سۇپىسى قاتارلىق مېدىيا ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەۋلۇت پائالىيىتىدىكى ئېتىقاد، ئەخلاق، مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۈلگە قىلىپ ساپ ئەقىدىلىك، ئېسىل ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك مۇسۇلمان بولۇشقا ئىنتىلىشىدەك روھىي قىممەتنى جانلاندۇرۇپ، جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن دىنىي ئەنئەنىسىنى قوغداشنى نىشان قىلىدۇ.

سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى، مەسچىت-جامەلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا، ئاكتىپ ماسلىشىشىغا ۋە ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ھەممەيلەن بىردەك بۇ پائالىيەتنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مېدياسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كىرىشى، يەرلىكتىن كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىشى، ئېتىقادچى ئاممىغا يېقىنلىشىشى، دىندا دىننىڭ گېپىنى قىلىشتەك ياخشى ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇشى، مېديا-تاراتقۇلار ئارقىلىق جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى جانلاندۇرۇشىدىكى ياخشى ئۇسۇلى، جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ مەنىۋى مىراسىنى قوغدىشىدىكى ياخشى يولى دەپ قارىدى.

(رامىزان مىن جۈنچىڭ، يۈسۈپ جەۋادىدىن ما لىچياڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى)  
يەنە >>سۈرەتلەر