باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈن-سىن ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-25   

مۇسۇلمان تورداشلار، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۈن-سىن قانىلى (vu.chinaislam.net.cn) 2015-يىل 7-ئايدا ئېچىلغاندىن بۇيان مۇسۇلمان تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەم قوللىشىغا ئېرىشتى. مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈش، توردا شەرىئەت ۋە دىنىي ئەھكاملارنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن بىز سەھىپىلەر بويىچە خەۋەر، ھۆججەتلىك فىلىم، مەخسۇس سەھىپە، زىيارەت، ۋەز-تەبلىغ،  دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىش تۈرىدىكى ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىدىن  ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 پارچىدىن ئارتۇق تەييارلىدۇق.

تېخىمۇ ئېسىل ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنى ئىشلەپ، ۋىدىيو مەزمۇنلىرىنى بېيىتىپ، جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى تورداشلاردىن ئۈن-سىن ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلماقچى. مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا ئائىت ۋىدىيولار، ئىشلىنىپ بولغان ۋىدىيولار، ئىسلام ئۇسلۇبىغا ئىگە ۋىدىيولارغا ماسلاشتۇرۇلغان مۇزىكا، شۇنىڭدەك ئاڭلاش قىممىتى بار باشقا ئاۋازلىق ئەسەرلەردىن شەخسىي ياكى تېخى ئېلان قىلىنمىغانلىرىنى بىزگە يوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇ ئەسەرلەرنى سان، سۈپەت جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تاللىغاندىن كېيىن تور بېكىتىمىزنىڭ ئۈن-سىن قانىلىدا ئېلان قىلىمىز، كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىمىز ھەمدە يوللىغۇچىغا مۇۋاپىق ھەق بېرىمىز. تور بېكىتىمىزنى ئۇزۇن مۇددەت سۈپەتلىك، لاياقەتلىك ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر چىقىپ قالسا، ئۇنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ئالاقىلەشكۈچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىمىز، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ۋاقىپلىنىپ قالغاي.

قوبۇل قىلىنىدىغان ئۈن-سىن ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى:

1.     يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇش؛

2.     دىنىي تۇرمۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇش؛

3.     شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، ۋەز-تەبلىغ، قۇرئان تىلاۋىتى، دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە ئائىت مەزمۇن بولۇش؛

4.    زىيارەت خاتىرىسى؛

5.     يەرلىك مۇسۇلمانلارغا ئائىت خەۋەرلەر؛

6.      ئىسلامىي ئۇسلۇب ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان مۇزىكا؛

7.     باشقا ئۈن-سىن ئەسەرلىرى؛

كونكرېت تەلەپلەر:

1.     مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا ئائىت، مەزمۇنى چىن ئەسەرلەرنى ئەۋەتىڭ؛

2.  ۋىدىيو يۇقىرى ئېنىقلىقتا بولۇشى كېرەك، ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ فورماتى، چوڭ-كىچىكلىكى چەكلەنمەيدۇ. ئۇلارنى ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى بىلەن ئېلخەت ئادرېسىمىزغا يوللاڭ، دىسكا شەكلىدە پوچتىدىن ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ؛

3.     ۋىدىيونىڭ تېمىسى ئېنىق، سۈرەت ئېنىق بولۇشى كېرەك؛

4.    ئۈن-سىن ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى، ئىشلىگۈچىسى ۋە قوشۇمچە ئىزاھاتلىرىنى يېزىق شەكلى بىلەن بىللە ئەۋەتىڭ.

5.  ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى(ئىسىم-فامىلە، ئادرېس، يانفون نومۇرى، QQنومۇرى، ئۈندىدار نومۇرى دېگەندەك) ئەسەر قوبۇللايدىغان ئېلخەت ئادرېسىمىزغا ئەۋەتىڭ؛

6.     بۇ ئۇقتۇرۇش ئۇزۇن مۇددەت كۈچكە ئىگە.

 

ئەسەر قوبۇللاش ئادرېسى: chinaislamvideo@163.com 

ئالاقىلەشكۈچى:

ئوسمان دۇڭ سەيمو     تېلېفون: 59313085 -010

يۇنۇس گو يۇڭبو       تېلېفون: 59313071 -010

ئادرېس: بېيجىڭ شىچېڭ رايونى نەنخېڭشىجې كوچىسى 103-قورۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى

地址北京市西城区103号中国伊斯兰教协会

邮编100053

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى

2016-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 

 

يەنە >>سۈرەتلەر