باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن قاتارلىقلار چاغان ھارپىسىدا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىن ھال سورىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-09   

2016-يىل 2-ئاينىڭ 5-كۈنى دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە كېلىپ چاغانلىق ھال سورىدى ۋە سۆھبەتتە بولدى. دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنيۇڭ، چېن زوڭرۇڭ، ئىشخانا مۇدىرى چېن خۇڭشىڭ، 3-مەھكىمىنىڭ باشلىقى يۈسۈف ما جىڭ، كادىرلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈبىن، ئىدارە پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ شۇاڭ، 3-مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گې قاتارلىقلار بىللە كېلىپ ھال سورىدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن، مۇئاۋىن رەئىس قوشۇمچە باش كاتىپ بەدىردىن گو چېڭجېن، مۇئاۋىن رەئىس ئىبراھىم خۇڭ چاڭيو، مۇستاپا ياڭ جىبو، ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

رەئىس چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن ۋاڭ زوئەن قاتارلىقلارنىڭ ھال سوراپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە 2015-يىللىق ھەج خىزمىتى ۋە شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىدىن قىسقىچە دوكلات بەردى.

ۋاڭ زوئەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ 2015-يىللىق خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ھەققىدە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۆھبەت يىغىنىغا يەنە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىدىن بارات ھاجى رەجەپ، ئامۇر جاڭ گۇاڭلىن، ئىمادىددىن ۋېن جيەن، ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.  (ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)  

 

يەنە >>سۈرەتلەر