باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

زۇڭلى لى كېچياڭ نىڭشيا ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-04   

2-ئاينىڭ 2-كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە يىنچۈەن شەھىرى يۇڭنىڭ ناھىيەسى نا جياخۇ مەسچىتىدە نىڭشيا ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن دوستانە سۆھبەتلەشتى.

زۇڭلى لى كېچياڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ نىڭشيادىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردە رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى،  قۇرئان كەرىمنى ئەتراپلىق، توغرا شەرھلەپ، ئۇنىڭدىكى تىنچلىق، ئىناقلىق، تەرەققىيات روھىنى قېزىشنى، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى تەشۋىق قىلىپ، دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى، ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوچىلىشىش يۆلىنشىدە چىڭ تۇرۇشنى، نىڭشيا ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەر قوشۇشنى تەكىتلىدى.

نىڭشيا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ نىڭشيا ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارغا ۋاكالىتەن زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ دىنىي زاتلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە نىڭشيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى، دىنىي زاتلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوينىغان ئاكتىپ رولى ھەققىدە دوكلات بەردى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىغا رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن نىڭشيا ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوچىلىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېتىقادچى ئاممىنى قۇرئان، ھەدىسنى ياخشى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللىي ھەققانىيەتنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ناجياخۇ مەسچىتىنىڭ مەسئۇلى، مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى زۇڭلى لى كېچياڭنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە  بۇ مەسچىتكە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

زۇڭلى لى كېچياڭ دىنىي زاتلار بىلەن ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي زاتلارغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

 (ما شۆشىيا خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)  

يەنە >>سۈرەتلەر