باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجيوڭ قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىن ھال سورىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-04   

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجيوڭ، مۇئاۋىن باشلىقى سىتا قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە كېلىپ ھال سورىدى ۋە سۆھبەتتە بولدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۈاڭيۈەن ئاخۇن، مۇئاۋىن رەئىس قوشۇمچە باش كاتىپ بەدرىدىن گو چېڭجېن، مۇئاۋىن رەئىس ئىبراھىم خۇڭ چاڭيو، مۇستاپا ياڭ جىبو، ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

جاڭ يىجيوڭ بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى ۋە مۇنداق دېدى: ”ئۆتكەن يىلدا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، ھەقتە تۇرۇپ ھەقنى تەشۋىق قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىدە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. دىنىي بىلىملەرگە ئائىت بىر يۈرۈش سوئال-جاۋاب كىتابلار، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتىن تاللانمىلار مەجمۇئەسى يانچۇق كىتابى قاتارلىقلار ناھايىتى ئالقىشلاندى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتىمۇ ياخشى كېتىۋاتىدۇ، دەستۇر كىتابلار ۋە يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر توردا خېلى كۆپ تارقىتىلدى“.  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ”يېڭى يىلدا يەنە بىر مۇنچە خىزمەتلەرنى ئىشلەيمىز. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ دىننى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، كۆپچىلىككە سالامەتلىك، خۇشاللىق، بەخت تىلەيمەن“.

رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش ۋە تور بېكەتنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە: ”جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى يېڭى يىلدا تېخىمۇ تىرىشىپ،  دىندا دىننىڭ گېپىنى ۋە دىننىڭ ئىشىنى قىلىش پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەر قايسى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشنى قولغا كەلتۈرىمىز“ دېدى.

سۆھبەت يىغىنىغا يەنە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 2-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما لىخۇەي، ۋاڭ جىگاڭ، چۇ يوچى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ، ئامۇر جاڭ گۇاڭلىن، ئىمادىدىن ۋېن جىيەن ، ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

(يۇنۇس گو يۇڭبو خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ) 

يەنە >>سۈرەتلەر