2016-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن زىيارەتكە كەلگەن ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىدىن رەببانى قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن، مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو ئۆمەك ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىدىن رەببانىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مېھمانلارغا جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان ئىناق قوشنا دۆلەت، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەدە ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسى بار. ئەمما ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ئالاقە كەمچىل، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىمىزنى كۈچەيتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن“
مىنىستىر سالاھىدىن رەببانى مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو ئافغانىستان بىلەن قوشنا ئالتە دۆلەتنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىناق قوشنا دۆلەت، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئافغانىستانغا نۇرغۇن ياردەملەرنى بەردى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلق تۇرمۇشىغا كۆپلەپ ياردەم بەردى. بىز بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسلام ساھەسىدىكى ئالاقىسىگە كەلسەك، دۆلىتىمىزگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئافغانىستاندىكى ئىككى چوڭ ئىسلام دىنى تەشكىلاتى-ئافغانىستان ھەج ئىشلىرى ۋە دىنىي فوند بۆلۈمى، ئافغانىستان ئۆلىمالار كومىتېتى بىلەن مەسلىھەتلىشىمىز. ئۇلارنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز“.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇللا جىن رۇبىڭ، خەلقئارا ئىشلار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇسا چېن يۈلوڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
( ئىلياس ما يىخۇي خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەرجىمە تەھرىرى: ھاجى بارات رەجەپ)