باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى يوقلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-25   
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن، مۇئاۋىن مۇدىرى شاۋ مىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى ھەيئەت ئەزاسى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جو نىڭ قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.
سۆھبەتتە رەئىس چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. مۇئاۋىن رەئىس قوشۇمچە باش كاتىپ بەدرىدىن گو چېڭجېن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2015-يىلدىكى مۇھىم خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلدى ھەمدە 2016-يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدىكى بەزى پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇدىر جۇ ۋېيچۈن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە بولغان تولۇق ئىشەنچىنى بىلدۈردى، يېڭى يىلدا ئىسلام دىنى خىزمەتلىرىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاندىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرىگە كۆپرەك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما يۈشياڭ، دۇۋ ۋېن قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.
 
(ئوسمان دوڭ سەيمو خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)  
يەنە >>سۈرەتلەر