باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى يىنچۈەن يولى مەسچىتىدە مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-12   
 
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يىنچۈەن يولى مەسچىتىدە مەۋلۇت پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتىجۇڭگودا مەۋلۇتفىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى زىيارەت قىلدى ۋە سۈرەتكە ئالدى.
مەزكۇر پائالىيەتتە، ئۈرۈمچىدىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىمام-قارىيلار نۆۋەت بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلدى ھەمدە تەسىرلىك قەسىدە «مەۋلۇت شەرىف»نى ئوقۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە ئەخلاقىنى مەدھىيەلىدى، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببەت ۋە سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى. يىنچۈەن يولى مەسچىتىنىڭ ئىمامى خەن جىنلۇ ئاخۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەقۋالىقى ۋە ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىشىدىن ئۆرنەك ئالايلىدېگەن تېمىدا ۋەز سۆزلەپ، مۇسۇلمانلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ، كۆڭۈلدە مىننەتدارلىق، تىلدا تەسبىھ، ھەرىكەتتە ھىممەت بىلەن ياشاشقا، جەمئىيەتكە ئىسلام دىنىنىڭ ھەق مەيدانىنى تونۇتۇپ، ئىسلام ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش، بەندىگە ياخشىلىق قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۇنيالىق بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا، جۈملىدىن ئۈرۈمچىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىق قىلدى.
ما ئەپەندى بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن مەسچىتكە كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يەرنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، پەقەت مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندىلا مۇسۇلمانلار ئەر، ئايال، ياش، قېرى دېمەستىن مەسچىتكە يىغىلالايدىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ھەر يىلى ئاساسەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئاخۇنلارنىڭ قىرائىتىنى تىڭشاپ، قەسىدە ۋە تەبلىغ ئاڭلاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىپ، ئىمانىنى كۈچەيتىدىكەن، ئەخلاق تەربىيەسىنى قايتىدىن چىڭىتىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ياخشى ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن ۋە داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، ۋەققاس ما شوۋشىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە ئىسلام جەمئىيىتى مەسئۇللىرى، شۇنداقلا يەرلىك مۇسۇلمانلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
 (رامىزان مىن جۈنچىڭ، يالقۇن ئىسمائىل خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
 

 

يەنە >>سۈرەتلەر